
توۋا! يېقىندىن بېرى يازغۇچىلىرىمىز يازغان نەرسىلەر زەھەر پۇرايدىكىن دېسەم، ئىچى ئەلەمدىن سېسىپ كېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتى ھۆرمەتكە شۇنداقلا نەپكە ئېرىشتۈرسە، تۇرمۇشتىن خاتىرجەم بولسا، ئازادە مۇھىت، ھەر خىل ئىدىيە، دۇنيا قاراشلىرىنى بەخىرامان ئىپادىلىيەلىسە ئاندىن كېيىن ئىلھام دېگەننىڭ كېلىۋېتىشىنى كۆرۈڭ ، ھاي-ھاي… كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان، بىراق بىۋاسىتە ھېس تۇيغۇسىنى چەكلەپ تۇرىدىغان تاشقى بېسىمدىن قۇتۇلمىسا، يازغۇچىنىڭ قەلەم تۇلپارى چاپماي تۇرۇۋالىدىكەن، يۈگىنى تارتىلغان تۇلپارنىڭ ئۇچقاندەك چاپقىنىنى كىم كۆرۈپتۇ؟
ئاپتورى: كۆلتېكىن | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 13-10-2011 | باھا: 3 پارچە | زىيارەت: 463 قېتىم

























