
نوچى شۇ يوسۇندا ئالدىغا ئۇچرىغان قېرىنداشلىرى بىلەن سالاملىشىپ تۈمەن بويىغا كەلدى. ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان تۈمەن سۈيى نوچىنىڭ شەھەر دەرۋازىسىدىن كىرىپلا ئۇچرىغان كۆڭۈلسىز كۆرۈنۈشلەرنى تازىلاپ كەتكەندەك بولدى.
نوچى بادام دوپپىسىنى كەينىگە سۈرۈپ، يەڭلىرىنى شىمايلىدى، ئۆزىنى دەريا بويىغا تاشلاپ، ئانا دەريانىڭ سۈيىنى قېنىپ-قېنىپ ئىچتى. ئانا تۇپراقنىڭ پۇراقلىرىدىن، ئانا دەريانىڭ ئەۋجىدىن سۆيۈنگەن نوچى ئېيىق تاپىنىدەك ئالىقانلىرىنى كۆتۈرۈپ ۋارقىرىدى:
-ئەزىزانە قەشقەر، مەن كەلدىم!!!
ئاپتورى: قىسمەت | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 08-09-2011 | باھا: 7 پارچە | زىيارەت: 936 قېتىم


























