ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى

Zhongyuan

97100fe403b9
ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى

مەلۇمكى، تۈرك ئوسمان ئىمپېرىيەسى تارىختا ئەڭ شانلىق نەتىجىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن، دۇنيا مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ئىمپېرىيەلەرنىڭ بىرى. بۇ ھەقتە تالاي تارىخلارنى ئوقۇدۇق، لېكىن، ئەستىن كۆتۈرۈلدى. سىزگە تەۋسىيە قىلىۋاتقان بۇ فىلىم ئەنە شۇ بىز ئوقۇغان، ئۇنتۇغان تارىخقا بېغىشلانغان ئىكەن.
كەمىنە بۇ فىلىمنى كۆرگىلى خېلى بولغان ئىدى. كۆرمىگەنلەر كۆرسۇن، تارىخقا قىزىقىدىغانلار ھوزۇرلانسۇن ئۈچۈن بۇ يەرگە يوللاپ قويدۇم.



ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 25-11-2011 | باھا: 1 پارچە | زىيارەت: 766 قېتىم

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (خاتىمە)

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (خاتىمە)

ناۋادا شاھىنشاھ قازا قىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن خانىدانلىققا يامرىغان ھوقۇق ۋە مەنپەئەت تورى ۋە تورنى توقۇغۇچى خېشېن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىسا، جياچىڭخاننىڭ ھوقۇقى ۋە ئىمتىيازىغا بىۋاسىتە تەھدىت چۈشەتتى. چۈنكى، جياچىڭخان ياش ھەم دۆلەت باشقۇرۇش تەجرىبىسى يوق، بىراق خېشېننىڭ ھوقۇق تەسىر كۈچى ۋە ئىنتايىن زور مال-دۇنياسى بار ئەھۋالدا جياچىڭخان مۇرەككەپ ھوقۇق-مەنپەئەت مەسىلىسىنى توغرا بىرتەرەپ قىلمىغاندا، پۈتۈن خانىدانلىق تەۋرىنىش ئىچىدە قېلىشى ھەتتاكى جياچىڭخان پادىشاھلىق ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. چۈنكى، بۇ ۋاقىتلاردا خېشېننىڭ ھوقۇقى ۋە ئوردىدىكى تەسىرى كۈچى باش ۋەزىردە بولۇشقا تېگىشلىك چەكتىن ئاللاقاچان ئېشىپ كەتكەن ئىدى.



ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 09-07-2011 | باھا: 3 پارچە | زىيارەت: 865 قېتىم

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (3)

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (3)

چيەنلۇڭ زامانىسىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە «بەيلەنجاۋ دىنىدىكىلەرنىڭ توپىلىڭى»، سۇ ئاپىتى، قۇرغاقچىلىق ئاپىتى قاتارلىق ئاپەتلەر ئۈزۈلمەي بولغاچقا، ئوردا خەزىنىسى قۇرۇقدىلىپ قالغان بولۇپ، چيەنلۇڭنىڭ بېشى ئىنتايىن قاتقان. مەبلەغ توپلاشقا ئامالسىز قالغاندا، خېشېن ئويلاپ چىققان «پۇل ئارقىلىق جىنايىتىنى يۇيۇش» تۈزۈمىنى يولغا قويغان. بۇ تۈزۈمنىڭ ماھىيىتى مۇنداق: چىڭ خانىدانلىقى تەۋەسىدىكى ئەمەلدارلار ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويۇش ئېھتىماللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوردا مالىيىسىگە ئالدىن پۇل تاپشۇرىدۇ. كىېيىن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويغان بولسا، جىنايىتىنى ھېلىقى ئالدىن تاپشۇرغان پۇل بىلەن يۇيۇۋېتىدۇ. ئەگەر چيەنلۇڭخان خېشېندا ناھايىتى زور بايلىق بارلىقىنى بىلسە، بۇنداق ئىنتايىن كۈلكىلىك، ئەخمىقانە تۈزۈمنى يولغا قويمىغان بولار ئىدى.



ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 04-07-2011 | باھا: 2 پارچە | زىيارەت: 820 قېتىم

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (2)

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (2)

خېشېن 32 ياشقا كىرگۈچە بولغان ئالتە يىل جەريانىدا، ھازىرقى ئەمەل ناملىرى بىلەن سۆزلىگەندە «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، كادىرلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مىنىستىرى، مالىيە مىنىستىرى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى، مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جوڭياڭ بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى» قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ، قوشۇمچە «تۆت خەزىنە، بەش قامۇس»نى تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولىدۇ. خېشېن 32 ياشقا كىرگەندە ئۆسمۈر چاغلىرىدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرى تولۇق ئەمەلگە ئاشىدۇ ۋە ئۆزىگە كەلگەن كىچىككىنە پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي چىڭ تۇتۇپ، زور مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ.



ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 23-06-2011 | باھا: 2 پارچە | زىيارەت: 862 قېتىم

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (1)

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (1)

جۇڭگونىڭ ئىككى مىڭ يىللىق فېئودالىزملىق پادىشاھلىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇش تارىخىدا، پۈتۈن ھاياتى سىرغا تولغان، ھايات سەرگۈزەشتىسى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان بىر داڭلىق شەخس ياشاپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش جەريانى كىشىنى ھەيران قالدۇرسا، مەغلۇبىيىتى كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ. گەرچە بۇ تارىخىي شەخسنىڭ ھاياتى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئۇ ھايات مۇساپىسىدا قازانغان مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ سىرى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا مەغلۇپ بولۇش سىرى كىشىنى بىلىشكە قىزىقتۇرىدۇ. تارىختا سەلبىي ئوبرازنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە خاتىرە قالدۇرۇلغان بۇ تارىخىي شەخس بىزلەرگە نۇرغۇنلىغان «ئەڭ»لەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن.



ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 15-06-2011 | باھا: 5 پارچە | زىيارەت: 1,066 قېتىم