بالىلارنى قۇتقۇزۇۋالايلى

Zhongyuan

97100fe403b9
بالىلارنى قۇتقۇزۇۋالايلى

بىز باشلانغۇچنى بىرلا سومكا بىلەن پۈتتۈرگەن ئىدۇق. تاغقا ياماشقانلىرىمىزدا، دەرەخلەردىكى، تام كامارلىرىدىكى قۇشقاچ ئۇۋىلىرىنى بۇزغان چاغلىرىمىزدا، چانىلىرىمىزنى قولتۇقلاپ، مۇزلۇق ئىزدەپ مەھەللە كېزىپ يۈرگەنلىرىمىزدە شۇ سومكا ئۆشنىمىزدە بار ئىدى.

ئەپسۇس، بالىلىرىمىز ئۇنداق ئويۇنلاردىن يىراق، ئوينىغۇسى بولسىمۇ يۈدۈۋالغان سومكىسىنىڭ، ياق سومكا ئەمەس، «زۇلۇم»نىڭ ئېغىرلىقىدىن ئويۇننى خىيالىغا كەلتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئۇدۇل مەكتەپكە بارىدۇ، ئۇدۇل قايتىدۇ. بىچارە بالىلار پايلىغان بۇ زۇلۇمغا ئاۋۇ تىلسىز سومكا پايلىمايدۇ. ئۇلارنىڭ دۈمبىسىدە سومكا يىرتىدىغان خىسلەت بارمۇ يا؟! بار، ئاشۇ ئېغىر كىتابلار، يىل بويى بىرەر قېتىم ۋاراقلاپ قويۇلمايدىغان ئاتالمىش «پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى» بالىلىرىمىزنىڭ ئۆشنىسىگە سانجىلىپ، ئۇلارنى بارغانسېرى يەر تامان بېسىپ مېڭىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ يۇمران بەدەنلىرىنى، سومكىسىنى كۆرۈنمەس چىشلىرى بىلەن غاجاۋاتىدۇ. بۇ ھالدا بالىلىرىمىزنىڭ يىلدا 2-3 سومكا ئالماشتۇرۇشىغا، ھەتتا بەزى بالىلارنىڭ چاقلىق سومكا ئىشلىتىشىگە ھەيران قېلىشىنىڭ ئورنى يوق.



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 22-04-2012 | باھا: 5 پارچە | زىيارەت: 123 قېتىم

مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشىمۇ ياكى مەنپەئەتلەر توقۇنۇشىمۇ؟

مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشىمۇ ياكى مەنپەئەتلەر توقۇنۇشىمۇ؟

مەدەنىيەتلەر راستتىنلا توقۇنۇشامدۇ؟ رەڭگارەڭ مەدەنىيەتلەر ھەمدەمدە ياشاش مۇمكىن ئەمەسمۇ؟! ئەگەر، سامۇئېل خانتېڭتوننىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، «پەرقلىق مەدەنىيەتلەرنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى، مەڭگۈ بىللە مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس» دېيىلسە، ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىشىدىنلا ھەرخىل ئىرىق، ھەرخىل مەدەنىيەتتە ئىكەنلىكىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟!

ئىران بۇ ئىشقا ئارىلاشسا، ئىرانغا كېلىدىغان مەنپەئەت قانچىلىك بولىدۇ؟ ئارىلاشمىسا قانچىلىك بولىدۇ؟ خامچوت قۇرۇلۇشى كەسپىي دوكتورى ئەھمەدىي نىجادنىڭ بۇنى ھېسابلاپ چىقىرالىغۇچىلىكى بار. ئۇنىڭ قارىشىدا بۇ توقۇنۇشقا ئارىلاشمىسا (شۇنىڭ بىلەن پەلەستىن ھاماسلىرى يوقالسا ياكى يوقىلىشى تېزلەشسە) كېلىدىغان مەنپەئەت كۆپرەك (چۈنكى ئۇ سۈننىي، بۇ شىئە). بۇ يەردە، گېپىمىزنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە ئىران ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ داھىيسى ھۇمەينىنىڭ «ھازىر يەر شارىدا ئىراننىڭ ھېچقانداق قېرىندىشى يوق» دېگەن سۆزىنى ئەسلەپ ئۆتۈش ئارتۇقچە بولمىسا كېرەك.



ئاپتورى: | سەھىپە: خەلقئارا ۋەزىيەت | ۋاقتى: 15-12-2011 | باھا: 3 پارچە | زىيارەت: 520 قېتىم

ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق ئوتتۇرىسىدا (2)

ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق ئوتتۇرىسىدا (2)

ۋەتەننىڭ ھەقداسى بولمىش ناتىۋان خەلق قۇلنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قاپتۇ. مانا بۇ خورلۇق ئەمەسمۇ تەقسىرلەر؟ خوش، سىلەرنىڭ جالاپ خوتۇندىن پەرقىڭلار بارمىكەن؟! سىلەر شۇنداق غۇرۇرسىز، ئارسىز بولغاچقا، خەلق مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغان. شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئەرنىڭ ئىپپىتى ۋەتەن ۋە ئاياللارنىڭ ئىززىتىدە. كىمەركى ۋەتىنى بىلەن ئاياللىرىنىڭ ئىززىتىنى قوغدىيالمايدىكەن، شۇ كىشى شۇ كۈندىن باشلاپ جالاپ!

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، يازمىغا ئىنكاس يېزىشىڭىزنى كۈتمەيمەن، ئىنكاس يازغان زېھنىڭىزنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە قارىتىشىڭىزنى، ئىپپەتنى، ئەخلاقنى قوغداش كۈرىشىدە سەپداش بولۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەن كەتتىم، كونا جايدا-ئەخلاق دوقمۇشىدا سىلەرنى ساقلايمەن، ئامان بولۇڭلار!



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 19-10-2011 | باھا: 3 پارچە | زىيارەت: 645 قېتىم

ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق ئوتتۇرىسىدا (1)

ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق ئوتتۇرىسىدا (1)

كەمىنىمۇ يىللاردىن بېرى كومپيۇتېرنىڭ، ئىنتېرنېتنىڭ نېنىنى يەپ، جېنىمنى جان ئېتىپ يۈرۈپتىمەن. بۇرادەرلەرنىڭ ئېغىزىدا «قىسمەت ئەپەندى» تەرىپلىنىشكىمۇ مۇشۇ كەسىپ سەۋەب بوپتۇ. ئاتىلار سۆزى بويىچە «ئاش بەرگەن قازاننى چاقما»سلىق كېرەك ئىدى. لېكىن، بۇ «قازان»دىن ھەر دائىم «پولۇ، لەڭمەن »لا چىقمىدى. بەزى ئېتىقادسىز «ئاشپەزلەر» سەۋەبىدىن ئەخلەتمۇ، گەندىمۇ چىقىپ قالدى. شۇ مەنقۇلاتلارنى بەزىدە مەجبۇرىي، بەزىدە پەرقلەندۈرمەي يەپ سالغاندىمەن. لېكىن، خۇداغا شۈكرى، تولۇق بۇلغىنىپ كەتمەپتىمەن، ھەرھالدا روھىم سۈزۈك، ئەقلىم ئويغاق ئىكەن. چۆچۈپ ئويغاندىم. يەنە نەچچە كىشى مۇشۇ «داشقازان»دىن چىقىۋاتقان ھەممە نەرسىنى (مەيلى ئۇ پوق-سۈيدۈك بولسىمۇ) يەپ كېلىۋاتقاندۇ؟!

بەس، ئەمدى يېتەر! بەزى «ئاشپەزلەر»نى سۈر-توقاي قىلماي، بەزى «داشقازان»لارنى چاقماي بولمىدى؛ تەم سەزگۈسى يوقالغان بەزى «خېرىدارلار»نى ئويغاتماي بولمىدى! ئەخلاققا ھۇجۇم قىلىۋاتقان بەزى ئاتالمىش «ئىنتېرنېت»قا ئۆزۈم ئۈچۈن ئەمەس، پەرزەنتلىرىم ئۈچۈن قايتۇرما ھۇجۇم قىلماي بولمىدى!!!



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 21-09-2011 | باھا: 3 پارچە | زىيارەت: 789 قېتىم

ھاياتى ھايىنىغا قالغان ئىنسانلار

ھاياتى ھايىنىغا قالغان ئىنسانلار

نوچى شۇ يوسۇندا ئالدىغا ئۇچرىغان قېرىنداشلىرى بىلەن سالاملىشىپ تۈمەن بويىغا كەلدى. ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان تۈمەن سۈيى نوچىنىڭ شەھەر دەرۋازىسىدىن كىرىپلا ئۇچرىغان كۆڭۈلسىز كۆرۈنۈشلەرنى تازىلاپ كەتكەندەك بولدى.

نوچى بادام دوپپىسىنى كەينىگە سۈرۈپ، يەڭلىرىنى شىمايلىدى، ئۆزىنى دەريا بويىغا تاشلاپ، ئانا دەريانىڭ سۈيىنى قېنىپ-قېنىپ ئىچتى. ئانا تۇپراقنىڭ پۇراقلىرىدىن، ئانا دەريانىڭ ئەۋجىدىن سۆيۈنگەن نوچى ئېيىق تاپىنىدەك ئالىقانلىرىنى كۆتۈرۈپ ۋارقىرىدى:

-ئەزىزانە قەشقەر، مەن كەلدىم!!!



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 08-09-2011 | باھا: 7 پارچە | زىيارەت: 936 قېتىم

سۈرەت سۆزلىسۇن، سىزمۇ ھەم

سۈرەت سۆزلىسۇن، سىزمۇ ھەم

بۈگۈن كۆچمە دىسكامنى رەتلەۋېتىپ بۇ سۈرەتلەرنى ئۇچرىتىپ قالدىم. قارىسام ھەربىرى بىر يازمىغا خۇرۇچ بولغىدەك سۈرەتلەركەن. ئايرىم يازمىنى كېيىنگە قويۇپ، سۈرەتلەرنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم. «ھەر كاللىدا ھەر خىيال» دېگەندەك، مەن ئويلىغان بەلكىم سىلەرنىڭكى بىلەن بىر يەردىن چىقماس.

خوش، نېمە ئويلىدىڭىزكىن؟



ئاپتورى: | سەھىپە: چاقماق يازمىلار | ۋاقتى: 16-08-2011 | باھا: 4 پارچە | زىيارەت: 905 قېتىم

دوپپا مەدەنىيىتى بايرىمى: ئەجداد-ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئۈزۈكچىلىكى

دوپپا مەدەنىيىتى بايرىمى: ئەجداد-ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئۈزۈكچىلىكى

مەدەنىيەت لازىمى بولغاندا تېپىۋالىدىغان، لازىمى بولمىسا تېپىۋېتىدىغان نەرسىمۇ؟ مەدەنىيەتنى چوقۇم بايرام شەكلىدە خاتىرىلەش كېرەكمۇ؟ كەمىنىنىڭ چولتا قارىشىدا مەدەنىيەتنىڭ بايرام شەكلىدە خاتىرىلىنىشى مەدەنىيەتنىڭ يوقىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇلۇغ مەدەنىيەت بايرام شەكلىدە خاتىرىلەنمەسلىكى، بەلكى شۇ قەۋمنىڭ ھەربىر ئىش-پائالىيىتى، گەپ-سۆزىگە كىشى سەزگۈسىز دەرىجىدە جىپسىلىپ كېتىشى كېرەك ئىدى.



ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 05-05-2011 | باھا: 4 پارچە | زىيارەت: 1,044 قېتىم