
پائۇل پېللىئوت (Paul Pelliot، 1878-1945) فىرانسىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق خەنزۇشۇناسى، ئېكسپېدىتسىيەچى. پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگەن، كېيىن خەنزۇتىلى ئۆگىنىشكە كىرىشىپ، شەرق تىللىرى مەكتىپىگە كىرىپ شەرقنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتىنى ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلغان.
پائۇل پېللىئوت خەلقئارادا ئاۋرىل ستەيىن، سىۋىن ھىدىن قاتارىدا تىلغا ئېلىنىدىغان ئۇلۇغ ئېكسپېدىتسىيەچىلەرنىڭ بىرى. شۇنداقلا رايونىمىزغا قىلغان ئارخېئولوگىيە بۇلاڭچىلىقى بىلەن «يىپەك يولىدىكى مەدەنىيەت بۇلاڭچىلىقىدىكى ئۈچ كاتتا شەخس» نىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ (قالغان ئىككىسى ئاۋرىل ستەيىن، سىۋىن ھىدىن) .
ئۇ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رايونىمىزغا بىر نەچچە قېتىم كىرىپ ئېكسپېدىتسىيە تەكشۈرۈشىدە بولغان. نەتىجىسى سۈپىتىدە ئۆتمۈشنى ئۇنتۇغان، مەدەنىيەت قارىشى يىمىرىلگەن بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يول باشلىشى بىلەن بىباھا مەدەنىيەت بايلىقلىرىمىزنى نومۇسسىزلارچە ئېلىپ چىقىپ كەتكەن.
ئاپتورى: قىسمەت | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 21-08-2011 | باھا: 2 پارچە | زىيارەت: 671 قېتىم


























