تاققا-تۇققۇ پاراڭلار 2

Zhongyuan

97100fe403b9
تاققا-تۇققۇ پاراڭلار 2

ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ قىلىش تەرەققىي ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ قىلىشقا ئايلىنىدۇ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﮬﺎﻻﻝ ﺑﯧﻴﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ قانۇننىڭ رېئال ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ يېيىش ﻳﺎﻛﻰ ئاممىۋى ﺳﻮﺭﯗﻧﺪﺍ زۇﯞﺍﻧﻨﻰ بارىچە ﻗوﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻤﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺭاﯞﻩﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﻛﯜﻧﺪﻩ قورﺳﺎﻕ ﺗﻮﻕ ﻳﯜﺭﺳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ يېدىڭ ﺩﻩﭖ، ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﻧﻮﻗﺘﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺋﺎچ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯘﻧﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻳﯧﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ…



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 09-12-2011 | باھا: 3 پارچە | زىيارەت: 397 قېتىم

تاققا-تۇققۇ پاراڭلار

تاققا-تۇققۇ پاراڭلار

«ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﻮﻳﯩﺰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﺍ 13 ﺑﺎﻝ ﺷﺎﻣﺎﻟﺪﺍ ئۆﺭﯛﻟﯜﭖ كېتىپتۇ» ﺩﻩﭖ ﺗﯧﻤﺎ ﻳﺎﺯﺳﺎ، «ئۆلگەننىڭ ﻗﺎﻧﭽﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﻗﺎﻧﭽﯩﺴﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﻛﻪﻥ؟ ﺋﯘﻧﻰ ﺷﺎﻣﺎﻝ ﺩﯦﻤﻪﻳﻤﯩﺰ، ﺑﻮﺭﺍﻥ ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ» ﺩﻩﭖ ﻧﻪﺩﯨﻜﻰ ﻳﻮﻕ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ. «ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ بولۇۋېتىپتۇ؟ ﯞﻩﻗﻪﮔﻪ ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ﺗﯧﻨﯩﮕﻪ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ، ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻱ. 13 ﺑﺎﻝ بوﺭﺍﻥ كېتىپ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﭘﻮﻳﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ئەھۋالدا ئۆﺭﯨﯟﯦﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯗ؟ ﮬﺎﯞﺍﺭﺍﻳﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﻪﺭگىلى ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟ ﺷﯘ ۋاقىتتا ﭘﻮﻳﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ؟» ﺩﻩﭖ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﺯ. ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ نۇقتىسىدىن ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﯩﻠﻪﻛﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﯘ؟!



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 08-11-2011 | باھا: 8 پارچە | زىيارەت: 666 قېتىم

كۆلتېكىندىن ھەرقايسىڭلارغا سالام

كۆلتېكىندىن ھەرقايسىڭلارغا سالام

سىز كۆرۈۋاتقان مەزكۇز بلوگنىڭ قۇرغۇچىسى قىسمەت بىلەن 2006-يىلى ئىزدىنىشتا تونۇشقان ئىدىم. شۇ چاغلاردا ئىككىمىز « ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت » تېمىسى ئارقىلىق تورداشلارنىڭ ئۇسسىغان يېرىگە ئاز-تولا بارغان ئىدۇق.

ئارىدىن 5 يىل ئۆتۈپتۇ. ھەرقايسىمىز ئۆز تىرىكچىلىكىمىز بىلەن ياشاپ كەپتىمىز. نەچچە كۈن ئاۋال، قىسمەت بىلەن قايتا پىكىرلىشىش نېسىب بولدى. نەتىجىدە مەزكۇر بلوگنى قىسمەت بىلەن بىللە يېزىشقا كېلىشتۇق.

كەمىنە كۆلتېكىن سەل ئالدىراشراق ئادەم، بەلكىم يازمىلىرىم ئىزچىل بولماسلىقى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ ۋاقىتنىڭ ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، زىيارەتچىلەرنىڭ ئىشتىھاسىغا يازما سۇنۇپ تۇرىمەن.



ئاپتورى: | سەھىپە: بلوگ بىلدۈرگىسى | ۋاقتى: 12-02-2011 | باھا: 2 پارچە | زىيارەت: 924 قېتىم