
دېمەك، ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ قەدىمكى نامى «قۇم» ياكى «ئاقسۇ» بەگلىكىنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە نامىنى ئىنكار قىلغان بولدۇق، شۇنداقلا قەدىمكى ئۇچ-ئونسۇ (ۋېنسۇ) بەگلىكىنىڭ تارىخى ۋە نامىنى خاتا ھالدا ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ نامى قىلىپ ئىلىمگە ئۇششۇقلۇق قىلىپ، يۇرت تارىخى ۋە نامىنى 2-قېتىم قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتۇق. شۇنداق ئىكەن، قەدىمكى ۋېنسۇ (ئونسۇ)-ئۇچنىڭ تارىخىنى قايسى يۇرتنىڭ تارىخى دەپ قارايمىز؟ قەدىمكى قۇم بەگلىگى-كونا ئاقسۇنىڭ تارىخىنى ئىنكار قىلىمىزمۇ؟ باشقا يۇرتنىڭ دوپپىسىنى كىيىۋېلىپ، يۇرت تارىخىنى قالايمىقان قىلمايلى! ئۆزىنىڭ تارىخىي ئاتىلىشى بويىچە ئاتالسۇن! ئەۋلادلارنى يۇرت تارىخى ھەققىدە تېنىتىپ قويمايلى!
ئاپتورى: خوجانىياز | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 19-04-2011 | باھا: 1 پارچە | زىيارەت: 630 قېتىم

























