سۈرەت سۆزلىسۇن، سىزمۇ ھەم (2)

Zhongyuan

97100fe403b9
سۈرەت سۆزلىسۇن، سىزمۇ ھەم (2)

ئىشلىرىمىز رېتىگە چۈشۈۋاتقان، شىركىتىمىز نىشانىغا قاراپ سالماق قەدەمدە مېڭىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، ئالدىراش بولۇپ كەتتىممۇ، ھورۇن بولۇپ قالدىممۇ ياكى مەنلا سۆزلىمەي، زىيارەتچىلەرمۇ سۆزلىسۇن دپ ئويلىدىممۇ بىلمىدىم، بۇ يازمىنى تەييارلاپ سالدىم.

بەلكىم تارىخ، ئىجتىمائىيەت ۋە باشقىلاردا سىز مەندىن بەردەمرەك. شۇڭا دەيمەن: يازمىدىكى رەسىملەر ھەققىدە سىز بىلەن پىچىرلاشقۇم بار …



ئاپتورى: | سەھىپە: چاقماق يازمىلار | ۋاقتى: 03-04-2012 | باھا: 2 پارچە | زىيارەت: 265 قېتىم

قىسمەتنىڭ تاققا-تۇققا پاراڭلىرى

قىسمەتنىڭ تاققا-تۇققا پاراڭلىرى

«بۇ ئىشنى مىللەت ئۈچۈن قىلىۋاتىمەن» دېگەن گەپنى جىق ئاڭلايمەن. ئاڭلىساملا ئاچچىقىم كېلىدۇ. قۇرۇق گەپ قىلماۋاي، قوي، ئۇ 50-60-يىللارنىڭ مودا گېپىنى. ئاۋال جېنىڭنى ئوبدان باق. باشقىلارغا يۆلىنىۋالماي، جەمئىيەتكە بېسىم چۈشۈرمەي ياشىغىنىڭنىڭ ئۆزى مىللەت ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن ئىش قىلغىنىڭ. مىللەت، ۋەتەن ساڭا ئەمەس، سەن مىللەت ، ۋەتەنگە مۇھتاج. ۋەتەنسىزنىڭ ۋەتەنگە تۆھپە قوشقىنىنى نەدە كۆرگەنسەن؟ قىزىق گەپ قىلىدىغان بالىكەن بۇ!…



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 25-03-2012 | باھا: 5 پارچە | زىيارەت: 253 قېتىم

قىسمەت قايتىپ كەلدى

قىسمەت قايتىپ كەلدى

شۇنداق قىلىپ، قىسمەت ئاخىرى قايتىپ كەلدى: ئىلگىرى «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى»نىڭ مەسئۇلى سۈپىتىدە، ئوقۇتقۇچى ھۆرمىتىدە، ئىككى بالىنىڭ ئاتىسى سالاھىيىتىدە ياشىغان قىسمەت ئەمدى «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى»نىڭ قۇرغۇچىسى، ئىگىلىك تىكلىگۈچى، بىر تۈركۈم غوللۇق پىروگراممىرلارنىڭ يولباشچىسى سۈپىتىدە، ئوقۇتقۇچى ھۆرمىتىدە، ئۈچ بالىنىڭ ئاتىسى سالاھىيىتىدە، «ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى»نىڭ تەشكىللىگۈچىسى ھالىتىدە قايتىپ كەلدى.



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 17-03-2012 | باھا: 7 پارچە | زىيارەت: 201 قېتىم

سىدام قىسمەتلەر (2)

سىدام قىسمەتلەر (2)

شوپۇر ماشىنىنىڭ رادىئاتورىنىڭ (水箱) ئېغىزىنى ئوچۇق قويغان ئىكەن، ماتورنىڭ قىزىشى بىلەن رادىئاتوردىكى سۇ قايناپ ھور چىققان گەپ. ماشىنىنىڭ ئالدىدا ئىككى قىز ئۇيقۇچىلىقتا ھورنى ئىس دەپ بىلىپ «ۋاي ئوت كەتتى» دەپ ۋارقىراپتۇ. قىزى بىلەن مۈگدەپ ئولتۇرغان ئاۋۇ كىشى گەپنى ئاڭلاپ، نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرا-ئاڭقىرمايلا ماشىنىنىڭ دەرىزىسىدىن سەكرىگەن گەپ. ئۇ كىشىنىڭ كىيىمى ماشىنىغا ئىلىنىپ قېلىپ، پۇتى چاق ئاستىغا كىرىپ كېتىپتۇ، بولغان ئىش شۇ. ئاۋۇ ۋارقىرىغان قىزلار خېلى يىللاردىن كېيىن ناھىيىلىك 1-باشلانغۇچقا ئوقۇتقۇچى بولدى. بەزىدە بىرەر ئىش بىلەن شىركىتىمىزگە كىرگىنىدە «يەنە كىملەرنىڭ پۇتىنى سۇندۇرۇپ يۈرۈۋاتىسىلەر» دەپ چېقىشىپ قويىدىغان بولدۇم.



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 22-02-2012 | باھا: 2 پارچە | زىيارەت: 191 قېتىم

قىسمەتنىڭ 2011-يىلى

قىسمەتنىڭ 2011-يىلى

رەھمەت سىلەرگە قېرىنداشلىرىم! يىتىملىك دەردىنى تارتقۇزماي بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاشتۇرغانلىقىڭلارغا، ھەردائىم مەن ئۈچۈن سەكپارە بولغانلىقىڭلارغا رەھمەت، جانابىي ئاللاھ قىيامەتتىمۇ قېرىنداش بولۇپ ئۆتۈشكە نېسىپ قىلغاي!

رەھمەت سىلەرگە بۇرادەرلىرىم، مېنى قوللىغانلىقىڭلارغا، ئەسلىدىكى قىسمەت ھالىتىمگە قايتىشىمغا قىلغان ياردەملىرىڭلارغا مىڭلارچە تەشەككۇر!

رەھمەت ساڭا مەرۋەرى، مەن ئۈچۈن، ئائىلىمىز ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىڭغا ئۆمۈرلۈك قەرزدارمەن! قادىر ئاللاھ سېنى بەختلىك قىلىش بىلەن بۇ قەرزلىرىمنى قايتۇرۇشقا نېسىپ قىلغاي!

رەھمەت سىلەرگە قىزلىرىم، قادىر ئاللاھ سىلەرنى مەڭگۈ مەندىن پەخىرلىنىپ ياشاشقا، مېنىڭ قىزلىرىم بولۇپ قالغانلىقىڭلارغا شۈكرى ئېيتىپ ياشاشقا نېسىپ قىلغاي!



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 31-12-2011 | باھا: 16 پارچە | زىيارەت: 667 قېتىم

قىسمەت يىغلىدى

قىسمەت يىغلىدى

بىرسى «قىيىنچىلىقىم بار» دەپلا باغرىنى يېرىپ چىققان پەرزەنتنى ساتسا، يەنە بىرسى «سەن ماڭا ئۆگەي» دەپ خورلىسا، باھانە دېگەننى تاپماق ئاسان ھە؟!

راست ، ئادەمدە ئېتىقاد، ئەخلاق، غۇرۇر بولمىسا ھەر ئىشنى قىلغۇدەك.

بۇ جاھاندىن ئادەملەرنىڭ كۆزىنى بوياپ ئۆتۈپ كېتىشەرسەن. جاھاننى، تاڭلا قىيامەتنى ئىگىسى يوق كۆرۈپ قېلىشتىڭمۇ؟!

ھۇ ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن قورقمايدىغان بەدبەختلەر، بالىنىڭ ئۇۋالى تۇتقۇرلار!



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 01-10-2011 | باھا: 9 پارچە | زىيارەت: 1,198 قېتىم

سىدام قىسمەتلەر (1)

سىدام قىسمەتلەر (1)

باشلانغۇچنىڭ 3-4-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم بولسا كېرەك. بىر كۈنى سەھەردە يوتقاندىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ ھاجەتخانىغا ماڭدىم. ھويلىغا يېنىپ كىرىپ بولغاندا بۇرنۇمغا بىردىنلا ئۈزۈم پۇراپ كەتتى. قوغۇن پۇرىدى دەپ ئاڭلايدىغان، ئۈزۈم پۇرىغانلىقىغا ھەيرانمەن، ئىشقىلىپ پۇرىغانلىقى راست . شۇ كالتە ئىشتان پېتى (ئۇ چاغلاردا تىزغا كېلىدىغاننى كىيەتتۇق جۇما) ئىشىك ئالدىدىكى ئېرىقتا يۈز-كۆزۈمنى يۇيۇپ، ئارقا ئىشىكىمىز تەرەپتىن قوشنىمىزنىڭ تېمىغا ياماشتىم.



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 21-07-2011 | باھا: 6 پارچە | زىيارەت: 857 قېتىم

ئادىل تۇنىياز نېمە يادلاۋاتقاندۇ؟

ئادىل تۇنىياز نېمە يادلاۋاتقاندۇ؟

ئادىل تۇنىياز بىلەن ئىككى يىلدەك بىر مەھەللىدە ئولتۇرۇپتىمەن. ئۇ كىشىنى ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۇچرىتىپ كەلدىم. سەھەردە ئىشقا ماڭىمەن، ئۇ كىشى قولتۇقىغا كىتاب قىستۇرۇپ، بىر نەرسىلەرنى يادلىغاچ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان ھالەتتە ئۇچرايدۇ. بېشىمىزنى لىڭشىتىپ سالاملىشىمىز، ئۆتۈپ كېتىمىز.

مۇشۇ تەرىقىدە ئىككى يىلنى ئۆتكۈزدۈق. شائىرنىڭ بۇ ئادىتى ئۆزگىرىپ باقمىدى.

يېڭى ئۆيۈمگە كۆچكىلى بىر ئايدىن ئاشتى. بۇ جەرياندا يەنە ئوخشاشلا ئىشقا بېرىپ-كېلىپ ياشاۋاتىمەن. لېكىن، يولۇمدا بىر نەرسە كەم. نېمە كەمدۇ؟



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 27-06-2011 | باھا: 8 پارچە | زىيارەت: 1,920 قېتىم

ئوغلۇم بولسا مۇنداق تەربىيىلەيتتىم

ئوغلۇم بولسا مۇنداق تەربىيىلەيتتىم

ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە «يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك، مەھمۇد كاشغەرىيدەك، ئېينىشتىيىندەك ئادەم بول» دەپ تەربىيە قىلىشىدۇ. ياق، ئوغلۇم، ياق. مەندەك-داداڭدەك ئادەم بول. سېنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈلگەڭ مەن. سەن ئىنسانلار ئارىسىدىن ئۆزۈڭگە ئۈلگە ئىزدىمەكچى بولساڭ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشقا) مېنىلا ئۈلگە قىل. پەزىلەتتە، ئادىمىيىلىكتە پەقەت مېنى دورا، چۈنكى سەن مېنىڭ ھاياتىمنى داۋاملاشتۇرىسەن، سەن بولغاچ مېنىڭ نەسەبىم مەڭگۈ ئۈزۈلمەيدۇ.



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 25-05-2011 | باھا: 11 پارچە | زىيارەت: 1,708 قېتىم

قىسمەت داڭلىق شەخسمۇ؟

قىسمەت داڭلىق شەخسمۇ؟

يېقىندىن بېرى تېلېفون، E-mail لاردا (ھازىر QQ نى كۆپ ئىشلەتمەيمەن) مەن بىلەن ئەسرالىشىشنى، پاراڭلىشىشنى ئىستىگەن بىر نەچچە بۇرادەرلەر بىلەن دىدارى-مۇلاقاتتا بولدۇم. بىر ۋاق تاماق يېيىشكەچ، ئۇ يەر-بۇ يەرنىڭ پارىڭىنى قىلىشىپ مۇڭداشقانمۇ بولدۇم. بۈگۈن ئىككى بۇرادەر يەنە شۇ خۇسۇسىدا تېلېفون قىلىپتۇ. بۇرادەرلەرنىڭ مېنى يېقىن كۆرۈپ مۇڭداشماق بولغانلىقىغا خۇرسەن بولدۇم-يۇ، ئويلىنىپ قالدىم. كىشىلەر نېمە سەۋەبتىن مەن بىلەن كۆرۈشمەكچى بولىدۇ؟ مەندىن قانداقمۇ ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتەلىگۈدەك ياخشى پىكىرلەر چىقسۇن؟



ئاپتورى: | سەھىپە: بلوگ بىلدۈرگىسى | ۋاقتى: 16-04-2011 | باھا: 13 پارچە | زىيارەت: 1,188 قېتىم

قىسمەت بىلدۈرگۈسى

قىسمەت بىلدۈرگۈسى

قىسمەت بلوگى باشقىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى (ئېتىقادى، شەخسىيىتى ۋە باشقىلار) غا دەخلى يېتىشىنى قوللىمايدۇ. پاكىتسىز يازما، ئىنكاسلارنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى خالىمايدۇ، ئېلان قىلىنغان يازما، ئىنكاسلارنىڭ ھەر قانداق سەۋەب بىلەن ئۆچۈرۈلۈشىنى تېخىمۇ خالىمايدۇ.

قىسمەت بلوگى ھېچقانداق تەشكىلات ياكى ئورۇنغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يېزىلغان يازما ۋە ئىنكاسلار پەقەت شۇ شەخسنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق بولىدۇ. دېمەكچىكى، قىسمەت باشلىق بلوگ جامائىتى ئۆزى يازغان يازما، ئىنكاسلارنىڭ تولۇق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى ۋە چۈشەندۈرۈش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ.



ئاپتورى: | سەھىپە: بلوگ بىلدۈرگىسى | ۋاقتى: 15-04-2011 | باھا: 5 پارچە | زىيارەت: 793 قېتىم

قىسمەت مۇنداق دەيدۇ

قىسمەت مۇنداق دەيدۇ

خۇلاسە كالام، بىلىدىغانلىرىمدىن يازغانلىرىم، ئۆگەنگىنىمدىن ئۆگەتكىنىم تولىمۇ ئاز بوپتۇ. نۇرغۇن نەرسىلەرنى يېزىپتىمەن، ئاللا قەيەرلەردە قېلىپ يۈتۈپتۇ. نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىپتىمەن، باشقىلارغا بىلدۈرۈپ بولغىچە ئۇنتۇپ ئۈلگۈرۈپتىمەن. شۇنداق قىلىپ، ئىزلىرىم ئۆچكىلى تۇرۇپتۇ. ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە، چۆچۈپ ئويغاندىم، ئەمدىلىكتە بولسىمۇ كېچىكمەسمەن، دېگەن نىيەتتە، قولۇمنى كونۇپكا تاختىسىغا قويدۇم…
قېنى مەرھەمەت، قىسمەتلىرىم ھوزۇرىڭىزدا …



ئاپتورى: | سەھىپە: بلوگ بىلدۈرگىسى | ۋاقتى: 08-01-2011 | باھا: 26 پارچە | زىيارەت: 1,361 قېتىم