كۆڭلۈمدىكى گەپلەر

Zhongyuan

97100fe403b9
كۆڭلۈمدىكى گەپلەر

ﻣﯘﺷﯘ ﭘﯩﮋﻏﯩﺮﯨﻢ ئىسسىقتا لىۋىيەلىكلەر، ﻟﯩﯟﺍﻧﻠﯩﻘﻼﺭ، ﺋﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﻼﺭ ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯۈﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﯗ؟ ﺳﻪﻱ-ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺑﺎﺭﺳﺎ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﺗﻼﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﭘﺎﺭﭼﻪ بولۇپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﺑﻮﻣﺒﺎﺭﺩﯨﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﻰ ئۆيگە كىرىۋالغانغا ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭۈﯞﯦﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﭘﺎﺷﯩﻨﯩﯔ ﻏﯩﯖﺸﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺋﯘﺧﻠﯩﻴﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺑﻮﻣﺒﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺋﯘﺧﻠﯩﻴﺎﻟﯩﺸﯩﻢ مۇﻣﻜﯩﻨﻤﯘ؟ ئاۋۇ دۆلەتلەردىكىدەك ﻛﯜﻟﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺗﯘﺭﺳﺎﻡ ﺳﺎﺭﺍﯓ بولۇپ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻢ، ﮬﯩﭻ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻢ مۇﻣﻜﯩﻦ… ﺋﯘﻻﺭ نېمىدېگەن ﺩﻩﮬﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﻰ كۆرۈۋاتىدۇ-ﮬﻪ. ﺑﯘنى ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺩﻭﺯﺍﻕ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﻨﻰ كۆرۈش دېسىمۇ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﯜﺩﻩﻙ.



ئاپتورى: | سەھىپە: خەلقئارا ۋەزىيەت | ۋاقتى: 10-06-2011 | باھا: 7 پارچە | زىيارەت: 1,046 قېتىم

قىزىق نۇقتا ئاسىيادا 4

قىزىق نۇقتا ئاسىيادا 4

ﺋﯩﻜﻜﯩﮕﻪ بۆلۈنۈپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ چاۋشيەن ﯞﻩ كورىيە، جۇڭگو ﯞﻩ ﺗﻪﻳﯟﻩﻧﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ شەرقىي ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ، ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ تەرەققىي ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ كورىيە ﯞﻩ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ قوشۇنغا ﺋﯩﮕﻪ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ چاۋشيەن، ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ئامېرىكا ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ياپونىيە ﯞﻩ كورىيەدە ﻣﻪﯞﺟﯘﺩ بولۇپ تۇرۇشى ﺋﺎﺳﯩﻴﺎدا ﮬﻪﺭﻗﺎﭼﺎﻥ ﭼﻮﯓ ئۆزگىرىش بولۇشتەك ﺑﯩﺮ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﺷﻪكىللەﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺯﻭﺭ مۇۋەپپەقىيىتى، چاۋشيەننىڭ ﻳﺎﺩﺭﻭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ، ﺗﻪﻳﯟﻩﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺑﯧﺸﯩﻤﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻠﯩﺮﻯ، ياپونىيە ﺑﯩﻠﻪﻥ جۇڭگونىڭ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ مەسلىلەر ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻻﺵ-ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﮬﻪﺭﻗﺎﭼﺎﻥ ﻗﯩﺰﯨﻖ نۇقتا بولۇپ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.



ئاپتورى: | سەھىپە: خەلقئارا ۋەزىيەت | ۋاقتى: 13-03-2011 | باھا: 2 پارچە | زىيارەت: 1,022 قېتىم

قىزىق نۇقتا ئاسىيادا 3

قىزىق نۇقتا ئاسىيادا 3

سىياسىي ﺳﻪﮬﻨﯩﺪﻩ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ دوست ﻳﻮﻕ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﻳﻮﻕ. ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻣﻪنپەئەﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺷﻪﺧﺴﻰ ﻣﻪنپەئەﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ھىسسىياتنى ئارىلاشتۇرۇپ مىللىي قەھرىمان ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺑﯩﺮ تۇغقان ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ھېچ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻳﯜﺭﯛﺵ، ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻛﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﻳﺎﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﯩﻐﻠﯩﺴﺎ، ئەسەبىيلىكى ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﭘﻪﺳﻜﻪﺵ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ يوقىتىش. راستنى ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ، ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻨﻰ راست كۆرسىتىپ، ﻗﺎﻥ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻱ ئىنقىلاب قىلىش. مانا بۇ سىياسىي سەھنە.



ئاپتورى: | سەھىپە: خەلقئارا ۋەزىيەت | ۋاقتى: 10-03-2011 | باھا: 1 پارچە | زىيارەت: 764 قېتىم

قىزىق نۇقتا ئاسىيادا 2

قىزىق نۇقتا ئاسىيادا 2

ھەربىي ﺟﻪﮬﻪتتىن ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، جۇڭگونىڭ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ يۇقىرى ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﺩﻩ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﯞﻩ ﮬﺎﯞﺍ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﺎﺟﯩﺰ. باشقۇرۇلىدىغان ﺑﻮﻣﺒﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ئىقتىدﺍﺭﻯ ﺧﯧﻠﻰ يۇقىرى، ﺩﯦﯖﯩﺰ ﯞﻩ ﮬﺎﯞﺍ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﺩﻩ چەتئەلگە بولۇپمۇ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪﮔﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺶ ﺋﯧﻐﯩﺮ. ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ قورال-ﻳﺎﺭﺍﻗﻨﻰ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﯞﻩ ئامېرىكا ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﺋﯩﻤﺒﺎﺭﮔﻮ يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. جۇڭگو ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ مۇداپىئەنى ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﺘﯩﺮﺍﺗﯩﮕﯩﻴﻪﺩﻩ ﺗﯘﺭۇﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. جۇڭگومۇ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩدﻩﺕ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻗﯩﺴﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ئىقتىدﺍﺭﻯ، ﺋﯜﭺ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺶ ئىقتىدﺍﺭﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ بىرنېمە دېيىش ﺗﻪﺱ.



ئاپتورى: | سەھىپە: خەلقئارا ۋەزىيەت | ۋاقتى: 07-03-2011 | باھا: 0 پارچە | زىيارەت: 647 قېتىم

قىزىق نۇقتا ئاسىيادا 1

قىزىق نۇقتا ئاسىيادا 1

2007-ﻳﯩﻠﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﺰﯨﻖ نۇقتا ﺋﯩﺮﺍﻥ ﻳﺎﺩﺭﻭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ، ﺑﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰﯨﻖ نۇقتا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻗﯩﺘﺌﻪﺳﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻗﯩﺘﺌﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. جۇڭگو ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ئىقتىساﺩﻯ ﺷﯩﺪﺩﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﺸﯩﭗ، ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺭﯦﻜﻮﺭﺕ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺑﯘﻻﺭ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ تەرەققىي ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﻼ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺳﻪﮬﻨﯩﺴﯩﺪﻩ ئامېرىكىغا قوﻟﯩﻨﻰ ﺗﻪﯕﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، تەلەپلىرىنى قوﭘﺎللىق ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ مۇﻣﻜﯩﻦ.



ئاپتورى: | سەھىپە: خەلقئارا ۋەزىيەت | ۋاقتى: 02-03-2011 | باھا: 1 پارچە | زىيارەت: 1,141 قېتىم