
قىرغىز خەلقى ئۆز تارىخىدا ناھايىتى نۇرغۇن سەرگۈزەشتلەرنى باشتىن كەچۈردى. 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا چاررۇسىيە ئىمپېرىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيانى ئومۇميۈزلۈك ئۆزىنىڭ زېمىن دائىرىسىگە كىرگۈزگەندىن كېيىن، چاررۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بۇ رايوندا يۈرگۈزگەن سىياسىتى بۇ يەردىكى خەلقلەرگە زۇلۇم ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا چاررۇسىيە ئىمپېرىيىسىگە قارشى ئېقىم ۋە مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرى بارلىققا كەلدى. 1916-يىلى ھازىرقى قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن قوزغىلاڭ ئەنە شۇ ھەرىكەتلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر.
ئاپتورى: قىسمەت | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 13-05-2011 | باھا: 4 پارچە | زىيارەت: 856 قېتىم

























