سىدام قىسمەتلەر (2)

Zhongyuan

97100fe403b9
سىدام قىسمەتلەر (2)

شوپۇر ماشىنىنىڭ رادىئاتورىنىڭ (水箱) ئېغىزىنى ئوچۇق قويغان ئىكەن، ماتورنىڭ قىزىشى بىلەن رادىئاتوردىكى سۇ قايناپ ھور چىققان گەپ. ماشىنىنىڭ ئالدىدا ئىككى قىز ئۇيقۇچىلىقتا ھورنى ئىس دەپ بىلىپ «ۋاي ئوت كەتتى» دەپ ۋارقىراپتۇ. قىزى بىلەن مۈگدەپ ئولتۇرغان ئاۋۇ كىشى گەپنى ئاڭلاپ، نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرا-ئاڭقىرمايلا ماشىنىنىڭ دەرىزىسىدىن سەكرىگەن گەپ. ئۇ كىشىنىڭ كىيىمى ماشىنىغا ئىلىنىپ قېلىپ، پۇتى چاق ئاستىغا كىرىپ كېتىپتۇ، بولغان ئىش شۇ. ئاۋۇ ۋارقىرىغان قىزلار خېلى يىللاردىن كېيىن ناھىيىلىك 1-باشلانغۇچقا ئوقۇتقۇچى بولدى. بەزىدە بىرەر ئىش بىلەن شىركىتىمىزگە كىرگىنىدە «يەنە كىملەرنىڭ پۇتىنى سۇندۇرۇپ يۈرۈۋاتىسىلەر» دەپ چېقىشىپ قويىدىغان بولدۇم.



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 22-02-2012 | باھا: 2 پارچە | زىيارەت: 191 قېتىم

سىيىت نوچى زامانىمىزدا

سىيىت نوچى زامانىمىزدا

20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى قەشقەردە ئوتتۇرا ئاسىياغىچە نامى تارالغان سىيىت نوچى ئىسىملىك بىر زات ئۆتكەن. تارىخچىلار ئىزچىل تارىخنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇپ كېلىۋاتقان، زامانىمىزدىكى بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە دۆتلۈكنىڭ، ساۋاتسىزلىقنىڭ سىمۋولىغا ئايلىنىپ قالغان نوچى ئەينى دەۋردىكى خەلق نەزىرىدە رىۋايەت كەبى ئوبرازى، توغرا سۆزلۈكى، ھەقتىن يانماسلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىپ تۇراتتى.

مېنىڭ ھەممىدىن بەكرەك ئويغا سالىدىغىنى – نوچىنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرى، ئۆلۈم ئالدىدىكى پوزىتسىيەسى ئىدى. ئۇ قېچىپ كېتىش پۇرسىتى تۇرۇپمۇ ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇش بېرىش ئارقىلىق، نېمىنىدۇر ئىسپاتلىماقچى بولغاندەك قىلاتتى.



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 31-08-2011 | باھا: 9 پارچە | زىيارەت: 1,352 قېتىم

كۇچا، ئاقسۇ، ئۇچتۇرپانلارنىڭ قەدىمكى ناملىرى

كۇچا، ئاقسۇ، ئۇچتۇرپانلارنىڭ قەدىمكى ناملىرى

پائۇل پېللىئوت (Paul Pelliot، 1878-1945) فىرانسىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق خەنزۇشۇناسى، ئېكسپېدىتسىيەچى. پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگەن، كېيىن خەنزۇتىلى ئۆگىنىشكە كىرىشىپ، شەرق تىللىرى مەكتىپىگە كىرىپ شەرقنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتىنى ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلغان.
پائۇل پېللىئوت خەلقئارادا ئاۋرىل ستەيىن، سىۋىن ھىدىن قاتارىدا تىلغا ئېلىنىدىغان ئۇلۇغ ئېكسپېدىتسىيەچىلەرنىڭ بىرى. شۇنداقلا رايونىمىزغا قىلغان ئارخېئولوگىيە بۇلاڭچىلىقى بىلەن «يىپەك يولىدىكى مەدەنىيەت بۇلاڭچىلىقىدىكى ئۈچ كاتتا شەخس» نىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ (قالغان ئىككىسى ئاۋرىل ستەيىن، سىۋىن ھىدىن) .

ئۇ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رايونىمىزغا بىر نەچچە قېتىم كىرىپ ئېكسپېدىتسىيە تەكشۈرۈشىدە بولغان. نەتىجىسى سۈپىتىدە ئۆتمۈشنى ئۇنتۇغان، مەدەنىيەت قارىشى يىمىرىلگەن بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يول باشلىشى بىلەن بىباھا مەدەنىيەت بايلىقلىرىمىزنى نومۇسسىزلارچە ئېلىپ چىقىپ كەتكەن.



ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 21-08-2011 | باھا: 2 پارچە | زىيارەت: 671 قېتىم

سىدام قىسمەتلەر (1)

سىدام قىسمەتلەر (1)

باشلانغۇچنىڭ 3-4-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم بولسا كېرەك. بىر كۈنى سەھەردە يوتقاندىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ ھاجەتخانىغا ماڭدىم. ھويلىغا يېنىپ كىرىپ بولغاندا بۇرنۇمغا بىردىنلا ئۈزۈم پۇراپ كەتتى. قوغۇن پۇرىدى دەپ ئاڭلايدىغان، ئۈزۈم پۇرىغانلىقىغا ھەيرانمەن، ئىشقىلىپ پۇرىغانلىقى راست . شۇ كالتە ئىشتان پېتى (ئۇ چاغلاردا تىزغا كېلىدىغاننى كىيەتتۇق جۇما) ئىشىك ئالدىدىكى ئېرىقتا يۈز-كۆزۈمنى يۇيۇپ، ئارقا ئىشىكىمىز تەرەپتىن قوشنىمىزنىڭ تېمىغا ياماشتىم.



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 21-07-2011 | باھا: 6 پارچە | زىيارەت: 857 قېتىم

1916-يىلىدىكى قىرغىزلارنىڭ ئۇچتۇرپانغا كېلىشى

1916-يىلىدىكى قىرغىزلارنىڭ ئۇچتۇرپانغا كېلىشى

قىرغىز خەلقى ئۆز تارىخىدا ناھايىتى نۇرغۇن سەرگۈزەشتلەرنى باشتىن كەچۈردى. 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا چاررۇسىيە ئىمپېرىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيانى ئومۇميۈزلۈك ئۆزىنىڭ زېمىن دائىرىسىگە كىرگۈزگەندىن كېيىن، چاررۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بۇ رايوندا يۈرگۈزگەن سىياسىتى بۇ يەردىكى خەلقلەرگە زۇلۇم ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا چاررۇسىيە ئىمپېرىيىسىگە قارشى ئېقىم ۋە مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرى بارلىققا كەلدى. 1916-يىلى ھازىرقى قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن قوزغىلاڭ ئەنە شۇ ھەرىكەتلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر.



ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 13-05-2011 | باھا: 4 پارچە | زىيارەت: 856 قېتىم

«ئۇچتۇرپان» دېگەن يەر نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا

«ئۇچتۇرپان» دېگەن يەر نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا

نۆﯞەتتە بىر قىسىم ھەۋەسكارلىرىمىز تارىخىي ماتېرىياللارنى ئەستايىدىلراق توپلاپ، ﺭﻩتلەپ ﺑﺎﻗﻤﺎﻱ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮىكىلەر ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯚﻟﯜﻙ ھالدا ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺷﯘ ﭘﯧﺘﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘرىغا ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻛﯚتۈﺭۈﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭ «ﺋﯘﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻥ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ئىزاھلىدى: «1765-ﻳﯩﻠﻰ 2-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 14-ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﭺ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﭼﯩﯔ ﺧﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ فېئودال ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺯﯗﻟﯘﻣﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ كۆتۈردى. ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﻟﯘﭖ، ﭼﯩﯔ ھۆﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﺋﯘﭺ ئاھالىسىنىڭ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭىي ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﺪﻯ. ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ تۇﺭﭘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ئاھالە ﻛﯚﭼﯜرۈﻟﯜﭖ ﻛﯧﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ‹ئۇچ› ﻗﺎ ﺳﯚﺯﻯ ﺑﯩﺮﯨﻜﯩﭗ ‹ئۇچتۇرپان› ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﺪﻯ» ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﺩﻯ (26). ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ كىشىلەرنىڭ ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺱ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺧﯧﻠﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﮔﯧﺰﯨﺖ، ﮊۇﺭﻧﺎﻝ، ﭼﻮﯓ ﻛﯩﺘﺎبلارغىمۇ، ھەتتا بەزى ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺭﻭﻣﺎﻧﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﯜﺗﯜﻟﯜﭖ ﻛﻪﯓ ﺋﺎﻣﻤﯩﻐﺎ توﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﺪﻯ.



ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 03-05-2011 | باھا: 0 پارچە | زىيارەت: 506 قېتىم

«ئۇچ» دېگەن يەر نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا

«ئۇچ» دېگەن يەر نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا

ﺋﯘﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻥ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ 1400 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻼ ﻳﻪﻧﻰ ﻛﯚﻙ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﻯ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 552—745-ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﯞﻩ ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﻯ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 605-846-ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﺩﻩ «ﺋﯘﭺ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ مەھمۇد كاشغەرىي ﺋﯘﻧﻰ «ﺋﯘﭺ» مەشھۇر ﺑﯩﺮ شەھەرنىڭ ﻧﺎﻣﻰ، ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺩﻩﻟﯩﻞ ﺷﯘﻛﻰ، ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 630-ﻳﯩﻠﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻨﻼ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ، 648-ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﮔﯘﻣﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﻛﯘﭼﺎ ﺗﺎﯓ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﺘﻰ. «ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻨﻼ ﺗﺎﯓ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﭺ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﻮﻧﺴﯘ ﺋﺎﻳﻤﯩﻘﻰ (温肃州) ﻧﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﻮﻧﺴﯘ ﺋﺎﻳﻤﯩﻘﻰ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﭼﻮﯓ ﺗﺎﺷﺒﺎﻟﯩﻖ (大石成 ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ) ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺋﯘ <ﺋﯘﭺ> (乌赤) ﺋﯩﺪﻯ». ﺑﯘ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻥ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 600-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ «ﺋﯘﭺ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ مەھمۇد كاشغەرىي، ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ھاجىپلار ﺩﻩﯞﺭﻯ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 1000-ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﮔﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ، «ﺋﯘﭺ» مەشھۇر ﺑﯩﺮ شەھەرگە ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ. «ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ» ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﯩﺪﺍ «ﺋﯘﭺ ﺋﻮﺭﺩﯗ ﺑﯧﮕﻰ»، «ﺋﯘﭺ ﺋﻮﺭﺩﯗ ﺧﺎﻧﻰ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﻯ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 850-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1212-ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ) ﺩﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ «ﺋﯘﭺ» شەھىرى ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻪﮔﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ مەركىزىي ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺧﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ شەھەر ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.



ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 25-04-2011 | باھا: 3 پارچە | زىيارەت: 801 قېتىم

«ئونسۇ بەگلىكى»، «ئونسۇ» ۋە «قۇم» دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى

«ئونسۇ بەگلىكى»، «ئونسۇ» ۋە «قۇم» دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى

دېمەك، ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ قەدىمكى نامى «قۇم» ياكى «ئاقسۇ» بەگلىكىنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە نامىنى ئىنكار قىلغان بولدۇق، شۇنداقلا قەدىمكى ئۇچ-ئونسۇ (ۋېنسۇ) بەگلىكىنىڭ تارىخى ۋە نامىنى خاتا ھالدا ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ نامى قىلىپ ئىلىمگە ئۇششۇقلۇق قىلىپ، يۇرت تارىخى ۋە نامىنى 2-قېتىم قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتۇق. شۇنداق ئىكەن، قەدىمكى ۋېنسۇ (ئونسۇ)-ئۇچنىڭ تارىخىنى قايسى يۇرتنىڭ تارىخى دەپ قارايمىز؟ قەدىمكى قۇم بەگلىگى-كونا ئاقسۇنىڭ تارىخىنى ئىنكار قىلىمىزمۇ؟ باشقا يۇرتنىڭ دوپپىسىنى كىيىۋېلىپ، يۇرت تارىخىنى قالايمىقان قىلمايلى! ئۆزىنىڭ تارىخىي ئاتىلىشى بويىچە ئاتالسۇن! ئەۋلادلارنى يۇرت تارىخى ھەققىدە تېنىتىپ قويمايلى!



ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 19-04-2011 | باھا: 1 پارچە | زىيارەت: 630 قېتىم

تارىخىي ھېكايە فىلىم-جىگدە يېغىلىقى

تارىخىي ھېكايە فىلىم-جىگدە يېغىلىقى

ئامانبەگ ئۆزىنىڭ ساددا ھېسسىياتى بويىچە، خې فېيغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن تونۇشلۇق بېرىدۇ. ئەپسۇس، نەچچە قېتىملىق قانلىق جەڭلەردىن ئامان قالغان بۇ باھادىر بۇ قېتىم ئۆز ئايىغى بىلەن ئۆلۈم ئالدىغا بارىدۇ…

شۇنداق قىلىپ، ئامانبەگ قولغا چۈشكەندىن كېيىن، خې فېي بىلەن بىرلىكتە باغلىنىپ، مۆلجەر تاغ راۋىقىدىن ساڭگىلىتىلغان ئارقانغا ئېسىلدۇرۇلۇپ تاغدىن تاشلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ جەسىتى تاغدىن قاپ بېلىدە بىر مەزگىل ئېسىقلىق تۇرغاندىن كېيىن، چىرىپ بىر نەچچە پارچە ئۇستىخانغا ئايلىنىپ قالىدۇ…



ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 12-04-2011 | باھا: 14 پارچە | زىيارەت: 1,835 قېتىم

ئۇچتۇرپان تەزكىرىسى (پارچە)

ئۇچتۇرپان تەزكىرىسى (پارچە)

ئۇچتۇرپان ناھىيە تەۋەسىنىڭ شەرقتىن غەربكە ئەڭ ئۇزۇن يېرى 139.5 كىلومېتىر، جەنۇپتىن شىمالغا ئەڭ كەڭ يېرى 124.5 كىلومېتىر كېلىدۇ. ناھىيە بازىرى ناھىيە تەۋەسى مەركىزىنىڭ قىيپاش غەربىگە جايلاشقان. شەرقىي مېرىدىئان «41′23°78 دىن 09′01°80»، شىمالىي پاراللېل «41′23°40 دىن ″32′51°41» ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ. ناھىيە تەۋەسى شەرقتە ئاقسۇ شەھىرى بىلەن ئونسۇ ناھىيىسىگە قوشنا، جەنۇپتا قارا تېكە تېغى ئارقىلىق كەلپىن ناھىيىسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. غەربتە ئاقچى ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ، شىمالدا تەڭرىتاغ تىزمىسى ئارقىلىق قىرغىزىستان بىلەن چېگىرلىنىدۇ، ناھىيىنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 8841.99 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ (بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىك 1- شىسى 4- تۈەننىڭ كۆلىمى 155.096 كۋادرات كىلومېتىر). تاغلىق رايون %59.1 نى، چۆل – قۇملۇق ساھىل %29.4 نى، تۈزلەڭلىك %11.5 نى ئىگىلەيدۇ.



ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 31-01-2011 | باھا: 1 پارچە | زىيارەت: 975 قېتىم