كۇچا، ئاقسۇ، ئۇچتۇرپانلارنىڭ قەدىمكى ناملىرى

Zhongyuan

97100fe403b9
كۇچا، ئاقسۇ، ئۇچتۇرپانلارنىڭ قەدىمكى ناملىرى

پائۇل پېللىئوت (Paul Pelliot، 1878-1945) فىرانسىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق خەنزۇشۇناسى، ئېكسپېدىتسىيەچى. پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگەن، كېيىن خەنزۇتىلى ئۆگىنىشكە كىرىشىپ، شەرق تىللىرى مەكتىپىگە كىرىپ شەرقنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتىنى ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلغان.
پائۇل پېللىئوت خەلقئارادا ئاۋرىل ستەيىن، سىۋىن ھىدىن قاتارىدا تىلغا ئېلىنىدىغان ئۇلۇغ ئېكسپېدىتسىيەچىلەرنىڭ بىرى. شۇنداقلا رايونىمىزغا قىلغان ئارخېئولوگىيە بۇلاڭچىلىقى بىلەن «يىپەك يولىدىكى مەدەنىيەت بۇلاڭچىلىقىدىكى ئۈچ كاتتا شەخس» نىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ (قالغان ئىككىسى ئاۋرىل ستەيىن، سىۋىن ھىدىن) .

ئۇ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رايونىمىزغا بىر نەچچە قېتىم كىرىپ ئېكسپېدىتسىيە تەكشۈرۈشىدە بولغان. نەتىجىسى سۈپىتىدە ئۆتمۈشنى ئۇنتۇغان، مەدەنىيەت قارىشى يىمىرىلگەن بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يول باشلىشى بىلەن بىباھا مەدەنىيەت بايلىقلىرىمىزنى نومۇسسىزلارچە ئېلىپ چىقىپ كەتكەن.



ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 21-08-2011 | باھا: 2 پارچە | زىيارەت: 671 قېتىم

«ئونسۇ بەگلىكى»، «ئونسۇ» ۋە «قۇم» دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى

«ئونسۇ بەگلىكى»، «ئونسۇ» ۋە «قۇم» دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى

دېمەك، ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ قەدىمكى نامى «قۇم» ياكى «ئاقسۇ» بەگلىكىنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە نامىنى ئىنكار قىلغان بولدۇق، شۇنداقلا قەدىمكى ئۇچ-ئونسۇ (ۋېنسۇ) بەگلىكىنىڭ تارىخى ۋە نامىنى خاتا ھالدا ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ نامى قىلىپ ئىلىمگە ئۇششۇقلۇق قىلىپ، يۇرت تارىخى ۋە نامىنى 2-قېتىم قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتۇق. شۇنداق ئىكەن، قەدىمكى ۋېنسۇ (ئونسۇ)-ئۇچنىڭ تارىخىنى قايسى يۇرتنىڭ تارىخى دەپ قارايمىز؟ قەدىمكى قۇم بەگلىگى-كونا ئاقسۇنىڭ تارىخىنى ئىنكار قىلىمىزمۇ؟ باشقا يۇرتنىڭ دوپپىسىنى كىيىۋېلىپ، يۇرت تارىخىنى قالايمىقان قىلمايلى! ئۆزىنىڭ تارىخىي ئاتىلىشى بويىچە ئاتالسۇن! ئەۋلادلارنى يۇرت تارىخى ھەققىدە تېنىتىپ قويمايلى!



ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 19-04-2011 | باھا: 1 پارچە | زىيارەت: 630 قېتىم