ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 11 (خاتىمە)

Zhongyuan

97100fe403b9
ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 11 (خاتىمە)

سەئىدىيە خانى مېنى ئاتا مىراس زېمىنىمدىن ياۋۇزلارچە قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، دەسلەپ كەشمىر…قاتارلىق جايلارغا باردىم. ئەپسۇس، بۇ «كور» بەندىلەر مېنىڭ «كارامىتم»نى ھېس قىلمىدى بولغاي، «خانلىقىمىزنىڭ بۇزرۇك خانى بابۇر ھەزرەتلىرى بىلەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ بۇزرۇك خانى سۇلتان سەئىدخان ئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىگە تاجاۋۇز قىلىشماسلىق ھەققىدە ئەھدۇ-پەيمان بار. يەنە كېلىپ بۇ ئىككى بۇزرۇكۋار نەۋرە كېلىدىغان قېرىنداشلاردىن. بۇنداق ئىشلاردىن ئۆزلىرىنىڭ خەۋەرسىز قالغانلىقلىرىدىن ھەيرانمىز!!» دېيىشىپ مېنى مەسخىرە تاشلىرى بىلەن ئۇرۇشتى، خەپ دېدىم!!!



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 17-03-2011 | باھا: 4 پارچە | زىيارەت: 1,036 قېتىم

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 10

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 10

راست، دېمىسىمۇ مەن مەي-شاراپقا، نەشىگە تولىمۇ ھېرىسمەن. چۈنكى « مەسىت بولغاندىلا ئاندىن ھەقنىڭ دىدارىغا مۇشەررەپ بولغىلى بولىدۇ» . بۇنىڭ سەۋەبىنى ئالدىنقى مەكتۇبلىرىمدىكى «تەلقىن» نىڭ خاىسىيىتى بىلەن بىر مەنىدە چۈشىنىش مۇمكىن. ئەمدى «موللامنىڭ دېگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما» دېگەن گەپكە كەلسەك، مەن موللام ئەمەس، ئىشان. ئىشان بولغاندىمۇ «سۇلتانۇل مۇھەققىقىن» دەرىجىسىگە يەتكەن ئىشان. مېنىڭ سۆزۈملا ئەمەس. ئىش-ھەرىكىتىممۇ سىزلەرگە ئۈلگە بولۇشى كېرەك. ئىشەنمىسىڭىز مەي-شاراپ، نەشىنىڭ كەيپىدىن كېيىن «تەلقىن» گە چۈشۈپ بېقىڭ، «ھەقنىڭ دىدارىغا يەتمىگەنلىكىڭىزنى مەن بىر كۆرەي». «موللام بىلىپ تۇرۇپ كۆلگە سىيىدۇ» دىگەننىڭ ئاساسىنى مەن ئەمەس، بەلكى شاھ مەشرەپ (بابا رەھىم مەشرەپ) كەلتۈرۈپ چىقارغانغۇ دەيمەن!



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 05-03-2011 | باھا: 1 پارچە | زىيارەت: 925 قېتىم

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 9

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 9

مېنىڭ دەۋرىمگە كەلگەندە زىددىيەت تېخىمۇ كۈچىيىپ ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالمايدىغان بولدۇق. «قارا مۇسۇلمان» خوجا ئابدۇللا ئىشان ئاستانە يەركەندە، سۇلتانۇل مۇھەققىقىن بولمىش مەن قەشقەردە تۇرۇپ، سەئىدىيە خانى بىلەن ۋەلىئەھدى ئوتتۇرىسىدا نىزا تېرىپ ئاتا-بالىنى تۈگىمەس تەپرىقىچىلىككە سۆرەپ كىردۇق. شۇنداق قىلىپ مەن يېڭىپ چىققان بولدۇم. ئاقىۋەت مېنىڭ مۇرىتلىرىم خوجا ئابدۇللا ئىشاننى ئاخىرەتكە يولغا سالدى. كىم بىلسۇن، مەلىكە مۆھتىرەم خېنىم ئۆزىنىڭ كۆيۈمچان ئېرى بولمىش ماڭا سۇلتانۇل مۇھەققىقىنگە ئول مۇرتەد ئىسھاقىيەچى قارا مۇسۇلمانلار ئارقىلىق زەھەرلىك قول سالدى.



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 26-02-2011 | باھا: 1 پارچە | زىيارەت: 991 قېتىم

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 8

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 8

مەن زاھىرەن كۆرۈنۈشتە مەلىكە مۆھتەرەم خېنىمغا يېڭىلدىم. سىز تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ماھىيەتلىك قارىسىڭىز، ئۇنىڭ ئاقىۋەت سۈلۈك مۇرىتلىرى تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغانلىقىنى كۆرىسىز . سەئىدىيە خانلىقىنىڭ يىقىلىشى ئەمەلىيەتتە مېنىڭ يېڭىشىم بولماي نېمە؟!

دەرۋەقە مەن مەلىكە مۆھتەرەم خېنىمنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتەلمىدىم. ئەمدى بىلدىمكى ئۇزۇن مەزگىللىك كۈرەش مۇساپىسىدە ھەقىقەتەن ئەرلەر ئاياللارنىڭ تەڭدىشى ئەمەسكەن. سەئىدىيە قېنىنى ئۇنى تومۇرىدىن تولۇق تازىلاپ بولالماپتىمەن. بۇ جەھەتتە ئۆزرىلىكمەن. «دۈشمەن ساڭا باش ئەگكەندەك قىلغان بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكى مەڭگۈ ساڭا باش ئەگمەيدىكەن» مەن بۇ ئىشقا ھەقىقەتەن سەل قاراپتىمەن. بۇ سەھۋەنلىكلىرىم مۇرىتلىرىمغا ساۋاق بولغاي!



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 17-02-2011 | باھا: 2 پارچە | زىيارەت: 998 قېتىم

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 7

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 7

جاھاندا ئۆز رەقىبىنى قۇل قىلىشتىنمۇ لەززەتلىك ئىش بولمىسا كېرەك مەن نۇرغۇن دۈشمەنلىرىمنى ئالدىمدا تىزلاندۇرغانمەن. جۈملىدىن مۇھەممەدئىمىن خانمۇ «ئالدىمدا تىزلىنىپ تۇرۇپ» سۈلھى تەلەپ قىلغانىدى. مەلىكە مۆھتەرەم خېنىمنى ئۆزۈمگە ئاجىزە قىلىش سەئىدىيە جەمەتىگە كىرىش ئەمەس، بەلكى سەئىدىيە جەمەتىنى «خان خوجا» جەمەتىگە كىرگۈزۈش ئىدى. باشقا مەلىكىلەرنى نىكاھىمغا ئېلىشقا كەلسەك، پەقەت ۋە پەقەت مەلىكە مۆھتەرەم خېنىمنى ئۆزۈمگە باش ئەگدۈرۈشلا مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمنى ھەقىقىي نامايان قىلالايتتى. بىلسىڭىز كۈچلۈك دۈشمەننى يەڭگەن كىشى ھەقىقىي باھادىردۇر.



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 14-02-2011 | باھا: 1 پارچە | زىيارەت: 873 قېتىم

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 6

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 6

قەشقەر مېنىڭ مازارگاھىم جايلاشقانلىقى ئۈچۈن «ئۇلۇغ، تاۋاب قىلىش زۆرۈر» جايدۇر. شۇ سەۋەبلەرگە كۆرە «پىر» دۇئاسىغا ئېرىشىش، مەھشەر كۈنىدە مېنىڭ «شاپائىتىم» دىن ئىنئام ئېلىش ئۈچۈن قەشقەرنى، پىر بۇزرۈك قەبرەگاھىنى داۋاملىق زىيارەت قىلماقلىق، تەلىم-تەرغىب ئالماقلىق زۆرۈردۇر.

مېنىڭ بۈگۈنكى كۈنگىچە ياشاپ كېلىشىمنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ھۆكۈمرانىڭلار ياڭ زېڭشىن مېنىڭ ئەڭ ياراملىق شاگىرىتلىرىمدىن بىرىدۇر. بەلكىم شەكىل ئوخشىماس، ئەمما ماھىيەت بىردۇر. ئاداققى مەقسەت سىزلەرنى «يارىماس» ئىدىيەلەرنىڭ «زەھەرلىشىدىن» ساقلاش، بىزلەركىم «پىر بۇزرۈك روھىنى» قەلبىڭىزلەردە جۇلالاندۇرۇشتۇر.



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 03-02-2011 | باھا: 2 پارچە | زىيارەت: 1,081 قېتىم

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 5

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 5

بىر مىللەتتىكى ئىلغار دۇنيا قاراش، پەلسەپە دېگەنلەر ئىنتايىن «چاكىنا قاراشلارنىڭ يىغىندىسى» دۇر. بۇ خىل قاراش كىشىلەرنى يولدىن چىقىرىدۇ. كىشىنى «شۈكرى قانائەتچانلىقتىن» تازدۇرىدۇ. «پىر» غا گۇمان بىلەن قارايدىغان قىلىپ قويىدۇ. بۇنداق ئىدىيىلەر يامراپ كەتسە، ئەلنى بالا-قازا باسىدۇ. ئىگىسىز ئۆلۈملەر كۆپىيىدۇ. سۇلتانۇل مۇھەققىقىن بولمىش مەن ئۇنداق «ئىپلاسلىق» لارغا قانداقمۇ چىداپ تۇراي؟!

مېنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىم مۇرىتلىرىمنى «جەننەت» كە باشلاپ مېڭىش تۇرسا! ئۇنداقلار ئىلغار دېيىلسە مەن ئەڭ «بۈيۈك» دەپ تەرغىب قىلىۋاتقان سۈلۈكىي ئىشقىيەنى نېمە دەيسىز؟!



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 29-01-2011 | باھا: 5 پارچە | زىيارەت: 1,112 قېتىم

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 4

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 4

مېنى «سىياسىئون، دىپلومات، ھەربىي مۇتەخەسىس» دەپ تەرىپلىگىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر. مەن تېخى كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىم مېنى پەقەت ۋە پەقەت «مىللىي مۇناپىق» دەپ ئويلامدىكىن دەيىتتىم. ھەر نېمە بولسا مېنى چۈشىنىدىغانلار بار ئىكەن.

مېنىڭچە يات ئەلدىكىلەرگە خۇشامەت قىلدىغانلار مەنلا ئەمەسقۇ دەيمەن. بىلسەم-بىلمىسەم زامانىڭلاردىمۇ شۇنداق ئىشلار تولۇپ يېتىپتۇ. مەن پەقەت چوڭراقىنى قىلغان خالاس.



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 22-01-2011 | باھا: 0 پارچە | زىيارەت: 800 قېتىم

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 3

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 3

سىزنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىپ يەتمەكچى بولغان مەقسەد-مۇددىئايىڭىز نېمە ئىدى؟ ئەڭ ئاخىرىدا نېمە نىشانغا يەتمەكچى ئىدىڭىز؟

مېنىڭ مەقسىتىم بەلكىم «پىرئەۋىن» بولۇش ئىدى. ھەممە ياق ماڭا قاراپ تەزىم قىلسا، ھەممە ياق مېنىڭ شەخسىي زىمىنىم بولسا دەر ئىدىم. ئەينى يىللىرى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن شەرققە يۈرۈش قىلغىنىدەك، مەنمۇ ھەم غەربكە يۈرۈش قىلسام دەر ئىدىم. ئاھ، نېمىدىگەن شېرىن ئارزۇلار ھە!؟ ئاھ، ئاھ، ئاھ …. ئارمانلىرىم!!!



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 18-01-2011 | باھا: 3 پارچە | زىيارەت: 1,255 قېتىم

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 2

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 2

تەلقىننىڭ يەنە بىر رولى شۇكى، ئاددىي خەلىق مېنىڭ سۈلۈكۈم «ئىشقىيە» نىڭ سۈر-ھەيۋىتىنى ھېس قىلاتتى. مېنىڭ «جامائەت» ىمگە قېتىلاتتى. تەبىئىي ھالدا مېنىڭ كۈچۈم زورىياتتى. ئەينى ۋاقىتتا سەئىدىيە زىمىنىدا ئىشقىيە سۈلۈك مۇرىتلىرىنىڭ ئاستانە يەكەننى، قەشقەرنى قانداق مالىمان قىلغانلىقىنى ئەسلەپ باقسىڭىز بولىدۇ. شۇ مۇرىتلىرىم بولغاچقا، خەلىقنىڭ بىھۇدە قىرىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن «نادان» خان مەن بىلەن سۈلھىي تۈزگەن ئىدى. مەنچە بولسا، نەچچە مىڭ ئادەم ئۆلگەندە سەئىدىيە تەسەررۇپىدا پۇقرا ئازلاپ كېتەمتى؟ مۇشۇ ئويلىرىمنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئاشكارىلىنىپ قالمىغانلىقىغا خۇرسەنمەن.



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 16-01-2011 | باھا: 0 پارچە | زىيارەت: 879 قېتىم

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 1

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 1

شۇ يىللاردا ماڭا ھىرقەتىي (گۇمنام) ، شاھ مەشرەپ دېگەندەك سىلەر چوڭ بىلىدىغان كىشىلەرمۇ ئەگىشىپ كەلگەن ئىدى. ئاخىرىدا شاھ مەشرەپ مېنىڭ بىر كېنىزىكىمنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، مېنىڭ رىسقىمغا چاڭ سېلىش خىيالىدا بولغاچقا، ئۇنى ئاختا قىلدۇرۇپ ھوزۇرۇمدىن قوغلاپ چىقاردىم. ئۇ «تۇزكور» شۇنداق تۇرۇپمۇ، يەنە مېنىڭ «شەنىمگە» قاملاشمىغان مىسرالارنى توقۇپ يۈرۈپتۇ. ھەتتا بەزىلەر ئۇنى «ئەۋلىيا» دېگۈدەك، ئۇ «ئەۋلىيا» بولسا ئۇنداقتا مەن نېمە؟ ئاقىۋەت ئۇنى باشقىلارنىڭ قولى بىلەن نەمەنگاندا دارغا ئاستۇردۇم. شۇنداق قىلىپ ھاردۇقۇم چىققان بولدى. ئۇھ ھ ھ……..



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 14-01-2011 | باھا: 7 پارچە | زىيارەت: 1,588 قېتىم