چاقنى بۇزغان تانىسى، قىزنى بۇزغان ئانىسى

Zhongyuan

97100fe403b9
چاقنى بۇزغان تانىسى، قىزنى بۇزغان ئانىسى

دۇنيا ئىپپەت دەپ يىغلاۋاتىدۇ، دۇنيا ئەدەپ، ئەخلاق نەگە كەتتى دەپ ئازابلىق چۇقان سېلىۋاتىدۇ…

جاھان سورىغان ئەزىمەتلەرنى، ياۋ يۈرىكىگە ئىپپەت خەنجىرىنى سانجىغان پەرىلەرنى ئاپىرىدە قىلغان ئۇلۇغ ئانىلار، قېنى سىلەر؟

ئۇلۇغ ئانىلار، قېنى سىلەر؟ كەمىنە قىسمەت سىلەرنى ئەخلاق دوقمۇشىدا ساقلاۋاتىدۇ…

ھېچكىم مەن بار دېمەيدىغۇ؟ ئەجەبا جاھاندا ئۇلۇغ ئانىلار قالمىغان بولسا-ھە؟!



ئاپتورى: | سەھىپە: ئىقتىساد، ئىجتىمائىيەت | ۋاقتى: 05-06-2011 | باھا: 11 پارچە | زىيارەت: 1,580 قېتىم

بۈگۈن دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئانا ۋاپات بولغان كۈن

بۈگۈن دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئانا ۋاپات بولغان كۈن

ﮬﻪﻳﺮﺍﻧﻤﻪﻥ، 6 – ﺳﻪﺯﮔﯜ ﺩﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭙﻤﯘ ﻗﺎﻟﯩﻤﻪﻥ، 2-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 10-ﻛﯜﻧﻰ بالىلار ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﯞﻩﺩﯨﻠﻪﺷﻜﻪﻧﯩﺪﯗﻕ. ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﯩﻜﯩﻦ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ، ﺑﯘ ﺳﻪﭘﻪﺭﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﺗﺎﺭﺗﻤﯩﺪﻯ، «ﺑﺎﺭﻏﯩﻢ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ، ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﻪﺭ، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯧﻠﯩﯖﻼﺭ» ﺩﯦﺪﯨﻢ، ﺋﯘﻻﺭ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ 2-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 11-ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻪﮬﻪﺭﺩﻩ، ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺭﻩﮬﻤﯩﺘﻰ ﺟﺎﻥ ﺋﯜﺯﺩﻯ، ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺯﯗﻛﺎﻡ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺟﺎﻥ ﺋﯜﺯﺩﻯ، ﮬﻪﺭﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪﺍ «ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ، ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺑﻪﺭﮔﻪﻳﺴﻪﻥ، ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺗﯚﮬﻤﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻳﺴﻪﻥ» ﺩﻩﭖ ﺗﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺟﺎﻥ ﺋﯜﺯﺩﻯ، ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺑﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺟﺎﻥ ﺋﯜﺯﺩﻯ، ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻧﺎﺗﯩﯟﺍﻧﻨﯩﯔ ﺑﻪﺧﺘﻰ ﺟﺎﻥ ﺋﯜﺯﺩﻯ… ئانا !!!



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 11-02-2011 | باھا: 8 پارچە | زىيارەت: 1,645 قېتىم

ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى

ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى

1000 يىللاردىن بېرى بىر ئوبدان، ئۆز قانۇنىيىتى بىلەن كېلىۋاتقان تىل-يېزىقىمىز بىزنىڭ قولىمىزدا ۋەيران بولغىلىۋاتسا ئۇنىڭغا ھېچكىم «ھاي» دېمىسە، ئۇ دۇنياغا بارغاندا مەھمۇد بوۋىمىزنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمىز؟ بىر-بىرىمىزنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمىز؟ فرانسىيە يازغۇچىسى دائۇدېدنىڭ «ئاخىرقى دەرس» ھېكايىسىنى ھەممىمىز بىلىمىز. لېكىن ھېچكىم بىزنى «ئاخىرقى دەرس» نى ئۆتۈشكە مەجبۇرلىمىدى. مېنىڭ بۇ ھېكايىنى ئەسلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇنىڭدىكى، تەبىئىي پەنلەر «ئاخىرقى دەرس» نى ئۆتۈپ بولدى. ئەمدى نۆۋەت ئىجتىمائىي پەنلەرگە، ئاندىن جانلىق تىلغا كېلىدۇ. شۇڭا ھەممىمىز ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى! ھەر بىرىمىز يۈكسەك مەسئۇلىيەتچىلىق بىلەن ئۆزىمىزگە سەپسالايلى، باشقىلارنى نازارەت قىلايلى، تىل دېگەن غۇرۇرىمىز، ۋىجدانىمىز، ئانىمىزغۇ ئاخىر!



ئاپتورى: | سەھىپە: ئۆزگىلەردىن باشاقلار | ۋاقتى: 15-01-2011 | باھا: 10 پارچە | زىيارەت: 1,380 قېتىم

ئانىلار ئۇلۇغمۇ؟

ئانىلار ئۇلۇغمۇ؟

بالىلارنى ئېلىپ – سېتىۋاتقان، ئوغرىلىققا، پاھىشىگە، زەھەرگە كۆندۈرۈۋاتقان، ئۆزىنىڭ شەخسىي ھۇزۇر ھالاۋىتى ئۈچۈن بالا تەربىيىسىنى تەرك ئەتكەن بىر قىسىم ئىپلاسلارنى (ئۇلارنى «ئانا» دەپ ئاتاپ ئانىلارغا، «ئىنسان» دەپ ئاتاپ ئىنسانلارغا، «ھايۋان» دەپ ئاتاپ ھايۋانلارغا ھاقارەت كەلتۈرۈشنى خالىمىدىم) كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. ئۇلار كەلتۈرۈپ چىقارغان پاجىئەلىك قىلمىشلارنىڭ زىيىنىغا ھەربىرىمىز قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرۇۋاتىمىز. ئۇلارنى بىز تەرىپلەۋاتقان ئۇلۇغ ئانىلار ياكى ئانىلار قاتارىغا ئەمەس، ئىنسانلار قاتارىغا، ھەتتا ھايۋانلار قاتارىغىمۇ قويۇشقا بولمايدۇ. ئۇلار پەقەت «ئۇلار» دۇر، ئۇلار پەقەت ئىپلاسلاردۇر.



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 11-01-2011 | باھا: 5 پارچە | زىيارەت: 967 قېتىم