بالىلارنى قۇتقۇزۇۋالايلى
ئۆزىدىن چوڭ كىتاب سومكىسىنى كۆتۈرۈۋالغان، تاپشۇرۇقىنىڭ كۆپلىكىدىن كىتابىنىڭ ئۈستىگە بېشىنى قويۇپ ئۇخلاپ قالىدىغان قىزىمغا ھەر بىر قارىسام تۈگىمەس ئويلارغا چۆكىمەن…
- خاتىرەمدىن
بىر ئەسىر مۇقەددەم، جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ ئاتىسى، قاتتىق سۆڭەك يازغۇچى لۇشۈن ئەپەندى «بالىلارنى قۇتقۇزۇۋالايلى» دەپ ۋارقىرىغان ئىكەن، بىر ئەسىر كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە مەن ۋارقىراۋاتىمەن. بىر ئۇلۇغ خەنزۇ يازغۇچى ۋە بىر ئاددىي ئۇيغۇر پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىككى دەۋردە ئوخشاش بىر مۇراجىئەتنى ئوتتۇرىغا تاشلاۋاتىمىز.
خوش، لۇشۈن ئەپەندى نېمىشقا ئۇنداق ۋارقىرايدۇ؟ ئۇنىڭغا يەنىلا لۇشۈن ئەپەندى ئەسەرلىرى ئارقىلىق جاۋاب بەرسۇن. مېنىڭ ۋارقىراش سەۋەبىمنى بۇ يازمىدىن بىلىڭ.
سىزنىڭ مەكتەپتە، بولۇپمۇ باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان پەرزەنتلىرىڭىز، ئىنى-سىڭىللىرىڭىز بارمۇ؟ مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيگە كىرگىنىدە ئۇلارنىڭ خۇددى ساپان سۆرىگەندەك ھاسىراپ كەتكەنلىكىگە، نۇرسىز كۆزلىرىنىڭ پىلىلداپ قالغانلىقىغا دىققەت قىلغانسىزمۇ؟ ئەتىگىنى ئويغاتقىنىڭىزدا بەڭ چەككەنلەردەك ساڭگىلاپ كەتكەن چىرايلىرىغا قاراپ نېمىلەرنى ئويلىغانسىز؟!
بىز باشلانغۇچنى بىرلا سومكا بىلەن پۈتتۈرگەن ئىدۇق. تاغقا ياماشقانلىرىمىزدا، دەرەخلەردىكى، تام كامارلىرىدىكى قۇشقاچ ئۇۋىلىرىنى بۇزغان چاغلىرىمىزدا، چانىلىرىمىزنى قولتۇقلاپ، مۇزلۇق ئىزدەپ مەھەللە كېزىپ يۈرگەنلىرىمىزدە شۇ سومكا ئۆشنىمىزدە بار ئىدى.
ئەپسۇس، بالىلىرىمىز ئۇنداق ئويۇنلاردىن يىراق، ئوينىغۇسى بولسىمۇ يۈدۈۋالغان سومكىسىنىڭ، ياق سومكا ئەمەس، «زۇلۇم»نىڭ ئېغىرلىقىدىن ئويۇننى خىيالىغا كەلتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئۇدۇل مەكتەپكە بارىدۇ، ئۇدۇل قايتىدۇ. بىچارە بالىلار پايلىغان بۇ زۇلۇمغا ئاۋۇ تىلسىز سومكا پايلىمايدۇ. ئۇلارنىڭ دۈمبىسىدە سومكا يىرتىدىغان خىسلەت بارمۇ يا؟! بار، ئاشۇ ئېغىر كىتابلار، يىل بويى بىرەر قېتىم ۋاراقلاپ قويۇلمايدىغان ئاتالمىش «پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى» بالىلىرىمىزنىڭ ئۆشنىسىگە سانجىلىپ، ئۇلارنى بارغانسېرى يەر تامان بېسىپ مېڭىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ يۇمران بەدەنلىرىنى، سومكىسىنى كۆرۈنمەس چىشلىرى بىلەن غاجاۋاتىدۇ. بۇ ھالدا بالىلىرىمىزنىڭ يىلدا 2-3 سومكا ئالماشتۇرۇشىغا، ھەتتا بەزى بالىلارنىڭ چاقلىق سومكا ئىشلىتىشىگە ھەيران قېلىشىنىڭ ئورنى يوق.
بەزىدە مەكتەپتىن يانغانلىرىدا قىزلىرىمنىڭ سومكىسىنى مەن كۆتۈرۈپ قالىمەن، بىردەم مېڭىشىمغا مۈرىلىرىم ئاغرىشقا باشلايدۇ. سومكا (قىزلىرىمغا بالا-قازادەك كۆرۈنىدىغان شۇ سومكا) مۈرىسىدىن چۈشكەن قىزلىرىم تايچاقتەك تاقلاپ ماڭىدۇ. بۇنى كۆرۈپ مۈرىلىرىمنىڭ ئاغرىقى ئېسىمدىن چىقىدۇ.
ماڭا-پۈتۈنسۈرۈك بىر ئەركەككە ئېغىر كەلگەن سومكا ئۆسمۈرلۈك يېشىدىكى شۇ نارەسىدىلەرگە ئېغىر كەلمىسە-ھە!؟
بەلكىم «كېيىنكى ئىستىقبال ئۈچۈن، جاپا چېكىشكە ئەرزىيدۇ» دەر بەزىلەر. توغرا، ئەرزىيدۇ، لېكىن بىھۇدە، نىشانسىز جاپا چېكىش زۆرۈرمۇ؟ بالىلارنى ئورۇنسىز قىيناپ، ئۇلارنى مەكتەپ دېسە بېشى ئاغرىيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇش زۆرۈرمۇ زادى؟
ئەتراپىڭىزدا ئىچكىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن، ئاللاھنىڭ شاراپىتى بىلەن شۇ دوزاختىن قۇتۇلۇپ چىققان مەكتەپ يېشىدىكى بالىلار بارمۇ؟ بولسا شۇ بالىلار بىلەن پاراڭلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟ مەكتەپتىن زېرىكىپ، گاڭگىراپ تۇرغان شۇ بالىلارنىڭ ئادەم سودىگەرلىرىنىڭ قارمىقىغا ناھايىتى ئاسانلا ئىلىنىپ قالغانلىقىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا، ئاۋۇ گېپىڭىزنىڭ ئاساسسىز بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغانسىزمۇ؟
مەنمۇ پۈتتۈرگەن شۇ باشلانغۇچنى، سومكامدا بارى-يوقى 4 كىتاب، نەچچە تال دەپتەر، 1-2 تال قېرىنداش، بىرەر يېرىم نان. بارى-يوقى شۇ. باشلانغۇچتىن تاكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ئاجايىپ ئوقۇغان. بولۇپمۇ تولۇق ئوتتۇرىدا مەكتەپ بويىچە 1-بولۇپ ئوقۇغانمەن. ھەتتا ماتېماتىكا دەرسىدە مۇئەللىم بىلەن بىر مەسىلىنى تالىشىپ قېلىپ، مېنىڭ توغرا چىقىپ مۇئەللىمنى ئىزاغا قويغانمەن. شۇ سەۋەبلىك ئۆمرۈمدە تۇنجى ۋە ئاخىرىقى قېتىم مۇئەللىمدىن تاياق يىگەنمەن؛ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندە ئىمتىھانسىز چاقىرىق كەلسە، «كۆتەر ئۇ چاقىرىقىڭنى، ئۆزۈم ئىمتىھان بېرىپ، خالىغان مەكتەپتە ئوقۇيمەن» دەپ، ئوقۇتقۇچىلىرىمنى، ساۋاقداشلىرىمنى ھەيران قالدۇرغانمەن.
شۇنداق، مەن شۇ تۆت تال كىتاب بىلەن باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەن، لېكىن دۆت بولۇپ قالمىغانمەن. ئەمدىلىكتە، بالىلىرىمىز ئەنە شۇ بىر دۆۋە كىتاب ئىچىدە ئوقۇسا ئەقىللىق بولۇپ چىقىدۇ، دەيدىغان ئىش بارمۇ؟
يازما بوسۇغىسىدىكى سۆز خاتىرەمگە 2009-يىلى يېزىلغان ئىدى. ئۈچ يىلدىن بېرى ئەھۋال ئېغىرلاشسا ئېغىرلاشتىكى يېنىكلىمىدى.
ئالدىنقى قېتىم «كۆڭۈلدىكى سۆز» پىروگراممىسىدىمۇ مۇشۇ ھەقتە سۆھبەت بولۇندى. ھەممىسى ئۇ-بۇ دېدىيۇ، جىڭ باسقۇدەك چارە تېپىپ چىقىلمىدى.
ئەمەلدار ياكى باي بولمىسا گېپى ئاقمايدىغان بۇ زاماندا، ئېنىقكى مەنمۇ چارە تېپىپ چىقالمايمەن. چۈنكى، مەن قولىنى شىلتىسا مىليون تۆكۈلىدىغان باي ئەمەس، ياكى پىچىقى كېسىدىغان باشلىق ئەمەس، بەلكى، ئالەمدىن ئۆتكىلى 27 يىل بولغان ئاددىي دېھقاننىڭ پەرزەنتىمەن.
ئەمسە قولۇمدىن ھېچنېمە كەلمەيدىغان نانقېپى تۇرۇپ، بۇ يازمىنى نېمىشقا يازىمەن؟
چۈنكى، مېنىڭ پەرزەنتىم بار. بۇ يازمىنى ئوقۇۋاتقان ئوقۇرمەننىڭ ھەم شۇنداق. شۇڭا بىرلىكتە چارە تېپىپ چىقساق، ئەمەلىيلەشتۈرسەك دەيمەن؛ شۇ بالىلار كۈلۈپ ياشىسا، بەردەم، يۈرەكلىك چوڭ بولسا دەيمەن.
بالىلىرىمىزنى ئوقۇشتىن چىقىرىۋالامدۇق ياكى باشقا ئوبدان چارە بارمۇ؟ قېنى ئورتاقلىشايلى.
سۈرەت سۆزلىسۇن، سىزمۇ ھەم (2)
قىسمەتنىڭ تاققا-تۇققا پاراڭلىرى
يېقىندىن بېرى شىركەت ئاچىمەن، شىركەتنى ماڭغۇزىمەن دەپ چېپىپ يۈرۈپ، ئەسلىدىنلا يوق چېچىم تېخىمۇ ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ. ئابدۇللاكامنىڭ سوپۇنىنى 	چاچقا پايدا قىلىدۇ دەپ ئىشلىتىپ يۈرسەم، ماۋۇ يەردە بىرسى «ساختا سوپۇن» دېمەسما، تاس قالدىم ئاغزىغا سالغىلى.
«ساختا» دېگەن گەپ چىقسىلا، باشلانغۇچتىكى چېغىمىزدا شوشاڭبىن (بىز شۇنداق ئاتىۋالىدىغان بىر خىل شاپتۇل ئىچىملىكى) ئىچىپ، ئۆزىمىزچە مەس بولۇپ قالدۇق دەپ، ئۆيگە كىرەلمىگىنىمىز ئېسىمگە كېلىدۇ.
دۆلىتىمىزنىڭ كلاسسىك ئەسىرى «غەربكە ساياھەت» كە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ھەييار سۈن مايمۇن ئىككى بولۇپ قېلىپ، سەن ساختا، مەن راسىت دەپ تالىشىدۇ.
قارىغاندا بۇ ساختا دېگەن نەرسىنىڭ تارىخى ئۇزۇن ئوخشايدۇ-ھە؟!
ھېلىمۇ دۆلەتتىن نۇرغۇن مەبلەغ، ئادەم كۈچى ئاجرىتىپ ساختىغا زەربە بېرىۋاتقىنى. بولمىسا ساختا بولمىغان نېمە قالاتتىكىن تاڭ؟!
«بۇ ئىشنى مىللەت ئۈچۈن قىلىۋاتىمەن» دېگەن گەپنى جىق ئاڭلايمەن. ئاڭلىساملا ئاچچىقىم كېلىدۇ. قۇرۇق گەپ قىلماۋاي، قوي، ئۇ 50-60-يىللارنىڭ مودا گېپىنى. ئاۋال جېنىڭنى ئوبدان باق. باشقىلارغا يۆلىنىۋالماي، جەمئىيەتكە بېسىم چۈشۈرمەي ياشىغىنىڭنىڭ ئۆزى مىللەت ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن ئىش قىلغىنىڭ. مىللەت، ۋەتەن ساڭا ئەمەس، سەن مىللەت ، ۋەتەنگە مۇھتاج. ۋەتەنسىزنىڭ ۋەتەنگە تۆھپە قوشقىنىنى نەدە كۆرگەنسەن؟ قىزىق گەپ قىلىدىغان بالىكەن بۇ!…
مىللىتىمىزنىڭ ئىللەتلىرى دېيىش تېخىمۇ قىزىق گەپ. دۇنيادا ئىللىتى يوق كىشى، كىشىسى يوق مىللەتمۇ بارمۇ؟ ئىللەت دېگەن مىللەتتە ئەمەس، مىللەتنىڭ ئەزالىرى بولمىش ھەرقايسىمىزدەك قارا كۆزلەردە بولىدۇ ئەسلى.
بىر بلوگدا ئىچكىرىدىكى بىر كاۋاپچىنىڭ سىن خاتىرىسىنى يوللاپ، ھەممىسى تىللاشقا چۈشۈپتۇ.
- ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى تۆكۈپتۇ!
- كانۋاي كۆينەك، ساقال قويىۋېلىپ، قاش ئېتىشلىرىنى قارا!
نېمە ئىشتۇ دەپ كۆرۈپ باقتىم. بىر بالا كاۋاپ پىشۇرۇۋېتىپتۇ، يەنە بىر بالا كانۋاي كۆينەك، يارىشىملىق ساقال بىلەن ناخشا ئېيتىپ خېرىدار چاقىرىۋېتىپتۇ. ئۇھ دېدىم. ھېلىمۇ ئوغرىلىق قىلماپتۇ. بىزدەك قېرىنداشلىرىنى ساتماپتۇ.
ئىچكىرىدىكى قېرىنداشلارنىڭ توغرا يولدا جان بېقىش ئۈچۈن قانچىلىك جاپالارغا دۇچ كېلىدىغىنىنى مانا مەن ئوبدان بىلىمەن. ئەگەر ئاۋۇ بالا غەيرى يوللار بىلەن جان باقاي دېگەن بولسا ئىدى، ئاسان ئىدى. لېكىن ئىمانى، غۇرۇرى بار بالىكەن.
دەيمەن-دە، يەنە نېمە گەپ ئەمدى؟!
ماۋۇ يەردە بىر بالا «خوجانىياز ھاجى مۇناپىق، ئۇ سابىت داموللىنى شېڭ شىسەيگە تۇتۇپ بەرگەن» دەپ تىللىغىلى تۇرۇپتۇ. ئەگەر «1930-يىللاردا مەن ياشىغان بولسام قانداق قىلاتتىم، ھاجىدەك جەڭ قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، جەڭچىلەرنىڭ ئېتىنى يېتىلەش نېسىپ بولارمىدى؟» دېگەننى ئويلاپ قويماپتۇ. شۇ دەۋردىكى رېئاللىقنىڭ خوجانىياز ھاجىنى تارىخىي سەھنىگە چىقىرىپ قويغانلىقىنى، بۇ زېمىننىڭ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى قىمار سورۇنىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، خوجانىياز ھاجىنىڭ ئورنىدا كىملا بولسۇن، چوقۇم يېڭىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ قويماپتۇ.
بىر مەشھۇرىمىز ماقالىسىدە «يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ماۋۇ قاراشلىرى ماركسىزمغا ئۇيغۇن، ماۋۇ ئۇيغۇن ئەمەس» دەپ يېزىپتىكەن. دەۋر ئاتلاپ مۇلاھىزە قىلىدىغان، زامان ئىلگىرىكى ئىشلارغا ھازىرقى كۆزى بىلەن قارايدىغانلار ئاۋۇپ قاپتۇ دېسە.
قانداق قىلىمىز ئەمدى، ھازىر دېگەن بالا ئاتا-ئانىغا يول كۆرسىتىدىغان تۇرسا …
تولۇق ئوتتۇرىدا قاراخانىيلار ھەققىدە ئاز-تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولغان ۋاقتىمىزدا، ساۋاقداشلار ئارا  «شۇ دەۋردە ياشاپ قالغان بولساق-ھە!» دېيىشىپ ھاياجانلىق سۆزلەشكىنىمىز يادىمدا. ئوقۇتقۇچىمىز جىددى تەرزدە «قۇرۇق گەپ قىلىشما، يەنە شۇ پېتى ياشىشاتتىڭ: سەن دېھقاننىڭ بالىسى، سەن ئەمەلدارنىڭ بالىسى بولۇپ، باشقا ئىش يوق» دەپ، بىزنى جىملاپ قويغان ئىدى.
ماقۇل ئەمسە، مەن ئىشىمنى قىلاي…
تارىختا شۇنداق بىر كىشى ئۆتكەن
ئەلقىسسە، تارىختا شۇنداق بىر كىشى ئۆتكەن. بىز تولۇقسىز ئوتتۇرا يېشىمىزدا ئاتا-ئانىمىزنىڭ پۇلىنى خەجلەپ يۈرگەندە، بۇ كىشى نەچچە قېتىم يامۇلدا يېتىپ چىققان، قېچىپ چىققان، ئەڭ بولمىسا تېشىپ چىققان ئىدى.
تارىخچىلارنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، بۇ كىشى بەزىدە يامۇلنىلا ئەمەس، باشقىلارنىڭ تېمىنىمۇ تېشىپ قوياتتى. ئېپى كەلسە خەقنىڭ مال-چارۋىلىرىنى ئوغرىلاپمۇ قوياتتى. ئىشقىلىپ، جاننى ئۇتتۇرماي ياشاپ كەلگەن ئىدى.
ناھايەت، ئىلى دىيارىدا ئىنقىلاپ قوزغىلىپ، بۇ كىشىنى ئۆز قوينىغا ئالدى. قىلمىغان ئەسكى ئىشى قالمىغان بۇ كىشى باشقىچىلا بولۇپ قالدى.
بۇرۇن باشقىلارنىڭ مېلىنى ئوغرىلاپ، ئۇلارنى قان يىغلىتىپ يۈرىدىغان بۇ كىشى ئەمدى دۈشمەننىڭ بېشىنى «ئوغرىلايدۇ»غان بولۇپ قالدى.
شۇ دەھشەتلىك ئۇرۇش يىللىرىدا، بۇ كىشى ئوغۇللىرى بىلەن بايانداي قورغىنىغا مەخپىي ھۇجۇم قىلىپ، يولداشلىرى قان بېرىپ، جان بېرىپ ئالالمىغان بۇ قورغاننى ئالدى. شۇنداق قىلىپ، ئىلگىرى پېشانىسىدىن كەتمەيدىغان «ئوغرى»، «قاراقچى» دېگەن ناملارنى بىراقلا يۇيۇپ تاشلاپ، «پالۋان» دېگەن نامغا مۇشەررەپ بولدى.
بۇ كىشى ئاۋۇ رەسىمدىكى كىشى شۇ ئىدى. بۇ كىشى بىز باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان «سادىر دەپ ئېتىم يامان، ئونبەش ياشتا ئاتالغان» دېگەن قوشاقلارنىڭ ھەق ئىگىسى ئىدى. بۇ كىشى بىز ئۇلۇغلايدىغان بوۋىمىز «سادىر پالۋان» ئىدى.
بۈگۈن قولۇمغا ئاۋۇ سىزما چۈشۈپ قالدى. سادىر پالۋان بايانداي قورغىنىنى قانداق تېزلىكتە ئالغان بولسا، بۇ ئاددىي يازمىمۇ شۇنداق تېزلىكتە يېزىلىپ چىقتى.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، يازمىنىڭ داۋامى سىزگە قالدى: تارىخ بىلگەنلەر يازمىنى تولۇقلار، بىلمىگەنلەر ساۋات ئالار، ۋەسسالام!
قىسمەت قايتىپ كەلدى
قىسمەت نەگە كەتتى؟
كۆپ كىشىلەر تېلېفون ۋە ئېلخەت ئارقىلىق، مەندىن مۇشۇ سوئالنى سوراشتى. ئۇلارغا لايىقىدا جاۋاب بېرىپ، ئۆز ئەھۋالىمدىن خەۋەرلەندۈردۇم.
گەپنىڭ راستىنى ئېيتسام، بۇ سوئالنى ئۆزۈمدىنمۇ نەچچە قېتىم سورىغاندىمەن، ئىلگىرىكى قىسمەت نەگە كەتتى؟ ئۇ پائالىيەتچان، ھەممىگە يېتىشىدىغان ئىنسان ئىدىغۇ؟
يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان قىسمەت ھەقىقەتەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئەڭ مۇھىمى كۆڭلى جايىدا بولمىدى. بلوگىغىمۇ قاراپ بولالمىدى: بىر نەچچە يازمىنى يېزىپ بولۇپ، ئۆچۈرۈۋەتتى. دېمىسىمۇ «كۆڭلۈم پاراكەندە، بۇرادەرلەر، يازمامنى ئوقۇپ سىلەرمۇ پاراكەندە بولۇڭلار» دېسە بولمايدۇ-دە…
شۇنداق قىلىپ، ئۈچ ئاي ئۆتۈپ كەتتى. ئاقىۋەت قىسمەت قايتىپ كەلدى، يەنە بىر قېتىم قاسراق يېڭىلاپ قايتىپ كەلدى. بۇ يېتىشلىك ئىنسان بېشىغا كەلگەن نۇرغۇن جاپالار، دىشۋارچىلىقلار، كۆڭۈل ئاغرىقلىرى ھەممىسىنى ئىلگىرىدەكلا ناھايىتى جايىدا ھەل قىلىپ، يەنە مەردانە قىياپەتتە قايتىپ كەلدى.
قىسمەت بۇ جەرياندا نېمە ئىش قىلدى زادى؟
ئۇمۇ بىر ئاددىي ئىنسان-دە! ياشىدى شۇ.
ئىككى دۇنيالىق ھالال جۈپتىنىڭ نەچچە ئايلىق كېسەل ئازابىنى يېڭىشىگە ھەمدەمدە بولدى. گەرچە دەرتنى تارتىشىپ بېرىش مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ، ئەرلىك بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلدى.
يىغلىمىغىلى بەك ئۇزۇن بولغان بۇ ئىنسان بۇ قېتىم يىغلاپ تاشلىدى. پەرزەنتىنىڭ يورۇق ئالەمگە كۆز ئېچىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتقان، ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتىپ ياشاۋاتقان قىسمەت بۇ رېئاللىقنى قۇبۇل قىلالمىدى: قار لەپىلدەپ يېغىۋاتقان، سوغۇق جاندىن ئۆتىدىغان قىش كېچىسىدە كوچىلاردا يالاڭ كىيىم بىلەن مەجنۇندەك يۈگۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ «ساراڭكەن» دېيىشىگە پەرۋا قىلماي، «ئوغلۇم» دەپ ۋارقىرىدى.
يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى ئۆيىگە ئوت كېتىپ، بىر مۇنچە دىشۋارچىلىقلارغا ئۇچرىدى.
مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى يۇرتىدا تۇرۇۋاتقان يەنە بىر پەرزەنتىنى ئاخىرى قايتۇرۇپ كەلدى. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئائىلە ئىنسانىي مۇكەممەللىككە قاراپ ماڭدى.
يېڭى قۇرۇلغان شىركىتى بىر مەزگىللىك قۇرۇلۇش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۈپ، بەزى تۈرلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى ۋە كېيىنكى خىزمەتلىرىگە ئۇل سالدى.
شۇنداق قىلىپ، قىسمەت ئاخىرى قايتىپ كەلدى: ئىلگىرى «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى»نىڭ مەسئۇلى سۈپىتىدە، ئوقۇتقۇچى ھۆرمىتىدە، ئىككى بالىنىڭ ئاتىسى سالاھىيىتىدە ياشىغان قىسمەت ئەمدى «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى»نىڭ قۇرغۇچىسى، ئىگىلىك تىكلىگۈچى، بىر تۈركۈم غوللۇق پىروگراممىرلارنىڭ يولباشچىسى سۈپىتىدە، ئوقۇتقۇچى ھۆرمىتىدە، ئۈچ بالىنىڭ ئاتىسى سالاھىيىتىدە، «ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى»نىڭ تەشكىللىگۈچىسى ھالىتىدە قايتىپ كەلدى.
شۇنداق، مەن قايتىپ كەلدىم، بۇرادەرلەر! پائالىيەتچانلىقىدىن بىر مەزگىل ئايرىلىپ، رېئال تۇرمۇشتا جاپالىق كۆرەشلەرگە ئىشتىراك قىلغان مەن قايتىپ كەلدىم.
تۇرمۇشۇمغا، خىزمەتلىرىمگە ئاسايىشلىق، بەرىكەت تىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىلەرگىمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى تىلەيمەن! قادىر ئاللاھ ھەممىمىزنى ئامان قىلسۇن!
سىدام قىسمەتلەر (2)
يېقىنقى ئىككى ئايدىن بېرى كۆپ ئىشلار بولۇپ كەتتى: ئايالىمنىڭ مىجەزى يوق، ھەممىمىز بىسەرەمجان بولۇپ يۈردۇق. «كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال» دېگەندەك، يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى ئۆيىمىزگە ئوت كېتىپ، يەنە خاپىچىلىق بولدى.
كاللا ئارامىدا بولمىغاچ، شىركەتتە كۆپ تۇرالمىدىم، كۆپ ئىشلىرىم چالا قالدى، بىر نەرسە يېزىشقىمۇ رايىم يوق.
بۈگۈن ئىچىمدىكىنى بىر تۆكەي دەپ، سىدام قىسمەتلىرىمنى بىلكانپەدتە داۋاملىق يازدىم.
1989-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى
بىر ئىش بىلەن سىرىتقا چىقتىم، ۋەلسپىت مىنىشنى يېڭى ئۆگەنگەن چاغلىرىم بولغاچ، ئۆيدىكىلەردىن يوشۇرۇن ۋەلسپىتنى مىنىۋالدىم. ناھىيە بازىرىنىڭ تۆت كوچا دوقمۇشىغا كەلگەندە ۋەلسپىتلىك بىر ئايال مېنى سوقۇپ، يول يېنىدىكى گۈللۈكنى قورشىغان تىكەن سىمغا يۆلەپ قويدى، سول يوتام سىمغا يۆلەنگەن ھالەتتە ۋەلسپىت 4-5 مېتىر مېڭىپ كەتتى.
ئۆزۈمنى رۇسلاپ، ۋەلسپىتنى مىنىشكە تەمشەلسەم، بىر كىشى «ۋاي بالام، پۇتۇڭ نېمە بولدى» دەپ قالدى.
شۇنداقلا قارىدىم، ھۆكىرىپ يىغلىۋەتتىم. سول تىزىمنىڭ ئۈستى ئىشتىنىم يىرتىلغان، ئاپپاق بىر نېمە ئۆرلەپ چىققىلى تۇرۇپتۇ. يوتامنى تىكەن سىم يىرتىپ ماي چىقىرىۋېتىپتۇ.
نەدىن كەلدىكىن ئاكام پەيدا بولدى. ئاۋۇ مەينەتنى تېپىپ چېتىنى يىرىۋېتىمەن، دەپ چېپىپ كەتتى.
بىردەمدە يېتىپ كەلگەن ئاكا-ئاچىلىرىم مېنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشتى. دوختۇر «كىچىك بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىگە تەسىر يېتىدۇ» دەپ ناركوزمۇ قىلماي تىككىلى تۇردى. قىيا-چىيا، دوختۇرنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەي تىللىغىلى تۇرۇپتىمەن، تىكىپ بولغاندا ماسكىسىنى ئېلىۋېدى، ۋاي نە نومۇس، تاغامنىڭ ئايالىكەن ئەمەسمۇ!؟ كېيىن پات-پات «يەنە تىللامسىز؟» دەپ تېرىكتۈرۈپ قويىدىغان بولدى.
1993-يىلى 7-ئاي مەزگىللىرى
تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا ناھىيىدىن ئاقسۇ شەھىرىگە كىردۇق.
ئۈچ كۈنلۈك ئىمتىھاننى تۈگىتىپ، بىر بولكىۋايغا ئولتۇرۇپ ناھىيىگە قاراپ يول ئالدۇق. ھاۋا ئىسسىق، ماشىنىدىكى ھەممىمىز بىر-بىرىمىزگە يۆلىنىپ ئۇخلاپ كېتىپتىمىز. بىر چاغدا جالاق-جۇلۇق، قىيا-چىيادىن ئويغىنىپ كەتتىم، قارىسام باشقا ئىش يوق، ھەممەيلەن پەسكە چۈشكىلى تۇرۇپتۇ.
نېمە ئىشتۇ دەپ چوڭلارغا ئەگىشىپ پەسكە چۈشتۈم: قارىسام 50 ياشلاردىكى بىر كىشى ۋايجانلاپ ياتىدۇ، يېنىدا قىزى سەكپارە. ئاۋۇ كىشىنىڭ بىر پۇتى بىر قىسما كۆرۈندى. نەق ماۋۇ رەسىمدىكىدەكلا
شوپۇر ماشىنىنىڭ رادىئاتورىنىڭ (水箱) ئېغىزىنى ئوچۇق قويغان ئىكەن، ماتورنىڭ قىزىشى بىلەن رادىئاتوردىكى سۇ قايناپ ھور چىققان گەپ. ماشىنىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ئىككى قىز ئۇيقۇچىلىقتا ھورنى ئىس دەپ بىلىپ «ۋاي ئوت كەتتى» دەپ ۋارقىراپتۇ. قىزى بىلەن مۈگدەپ ئولتۇرغان ئاۋۇ كىشى گەپنى ئاڭلاپ، نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرا-ئاڭقىرمايلا ماشىنىنىڭ دەرىزىسىدىن سەكرىگەن گەپ. ئۇ كىشىنىڭ كىيىمى ماشىنىغا ئىلىنىپ قېلىپ، پۇتى چاق ئاستىغا كىرىپ كېتىپتۇ، بولغان ئىش شۇ. ئاۋۇ ۋارقىرىغان قىزلار خېلى يىللاردىن كېيىن ناھىيىلىك 1-باشلانغۇچقا ئوقۇتقۇچى بولدى. بەزىدە بىرەر ئىش بىلەن شىركىتىمىزگە كىرگىنىدە «يەنە كىملەرنىڭ پۇتىنى سۇندۇرۇپ يۈرۈۋاتىسىلەر» دەپ چېقىشىپ قويىدىغان بولدۇم.
1997-يىلى 6-ئاي مەزگىللىرى
ئاكامنىڭ بىر دوستىنىڭ ئالامەت بىر موتىسكلىتنى مىنىپ يۈرىدىغان چاغلىرى. دېسەم ئىشەنمەيسىلەر، شۇ يىللاردا 17 مىڭغا ئالدىم دېگەن ئىدى. ھازىر بولسا 50 مىڭنىڭ ئۈستىدە دېگەن گەپ.
بىر كۈنى ئاكام بىلەن ئىككىسى بىر ئىش بىلەن يېزىغا مېڭىشتى، موتىسكلىت بىزنىڭ ئۆيدە قالدى، ئاچقۇچنى ئۆيگە قويۇپ قويسا بولىدۇ.
بۇرنىمىز كۆپۈپ، نەدە جىدەل بار دەپ ئىزدەپ يۈرىدىغان چاغلاردە ئۇ. ئۇلار مېڭىپ بىر ئۇزۇندىن كېيىن، خوشنىمىزنىڭ قولتۇق ھاسا بىلەن ماڭىدىغان (ھەي ياشلىق، ھەي قاراملىق) ئوغلىنى كەينىمگە مىندۈرۈپ، مەغرۇر يۈرۈپ كەتتۇق. ناھىيىنىڭ يېڭى شەھەر رايونىدا ئادەم جىق ئەمەستى. شۇ يەردە موتىسكلىت دېگەندىن بىر چاڭ چىقىرىلى دەپ شۇ ياققا ماڭدۇق. ناھىيىلىك كەسپىي ئوتتۇرىنىڭ ئالدىدا قايرىلىدىغان بىر دوخمۇش بار ئىدى. شۇ يەرگە كەلگەندە مەن ئەخمەق ماي دېگەننى يەنە قۇلاققىچە بېسىپ ماڭغان گەپ.
رولنى جېنىمنىڭ بارىچە ئوڭغا ئۇرىمەن، بويسۇنامدىغان بۇ گۇي. بارغانسىرى يول قىرغىقىغا يېقىنلاپ كېتىۋاتىدۇ. خۇدا بار ئۆزۈڭ بار، بولۇشىغا قويۇۋەتتىم. موتىسكلىت يول چېتىدىكى بىر سېدە دەرىخىگە زەرپ بىلەن ئۇرۇلدى. ئىككىمىز 9-10 مىتىر يەرگە ئۇچۇپ چۈشتۇق. چۈشكەن يېرىمىز يۇمشاق توپىلىقكەن، قاتتىق چۈشمىگەن چېغىمىزۋا، توپىمىزنى قېقىشتۇرۇپ، بىر-بىرىمىزنى يۆلەپ قوپتۇق.
ئۆزىمىز بىلەن كارىمىز يوق، ۋاي موتىسكلىت نېمە بولغاندۇ دەپ شۇ تامان يۈگۈرگەن گەپ. ئالدى چىراق چېقىلىپتۇ، باشقا چوڭ ئىش يوق. ھەي جىڭ مال دېگەن ئەجەپ ھە دېيىشتۇق.
موتىسكلىتنى يۆلەپ تۇرغۇزۇۋېتىپ، يەنە شۇ سول پۇتۇم ئاغرىغاندەك قىلدى. قارىسام ھېلىقى تىككەن يەرنىڭ ئۈستى سىزىلىپ كېتىپتۇ.
ئاۋۇ بالا مۈرەم ئاغرىۋاتىدۇ دېدى، چاپىنىنى سالدۇرۇپ قارىساق، سىرتىدىكى چاپان ساق، ئىچىدىكى كۆينەكنىڭ مۈرىسى يىرتىلىپ، قان تامچىپ قاپتۇ.
شۇ ئاۋارىچىلىقتا موتىسكلىتنى يەنە مىنىپ، رېمۇنتخانىغا باردۇق. چىراق سېلىشقا، رول تەڭشەشكە 500 كوي ئالىمەن دېمەمدا، بىزدىكى نەدىكى 500 كوي، يانچۇقلىرىمىزنىڭ تەتۈر ئۆرۈپ ئاران 100 كويغا يېقىن بىر نېمە تاپتۇق. رېمۇنتچى ئۇستام ئاكامنى تونۇيدىغان چېغى. «سەن ئەركىننىڭ ئىنىسىما؟» دەپ سوراپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئاكامنىڭ يۈزىنى سېتىپ، 300 كويگە ئوڭشىتىدىغان، 100 كوينى نەق، قالغان 200 كوينى بىر ئايغىچە بېرىدىغان بولۇپ، موتۇتىسكىلىتنى ئوڭشاتتۇق.
ئاكامغا رېمونتچى دەپ قويدىمۇ ياكى موتىسكلىت بىر قىسما تۇيۇلۇپ بىلىپ قالدىمۇ «قانداقراق سوقۇلدۇڭلار؟» دەپ سۆزلەپ كەتكەن.
2004-يىلى قىش مەزگىللىرى
بىر ئىش بىلەن ئۈرۈمچىگە كەلدىم. نەچچە كۈن ئۆتۈپ بۇلاقبېشى كوچىسىدا تاماق يەپ، پىيادىلەر يېشىل چىرىقى يانغاندا يولدىن ئۆتتۈم، ئۆتۈۋېتىپ سەل خىيالغا چۆكۈپ قاپتىمەن. بىرسى قارا دېگەندەك قىلدى، سول تەرەپتىن بىر كىچىك ماشىنا ئۇچقاندەك كېلىۋاتمامدا، چوڭراق بىر قەدەم ئالغىنىمنى بىلىمەن، ئاۋۇ ماشىنا ئوڭ تەرىپىمدىكى قىزىل چىراقتا توختىغان ماشىنىغا سوقۇلدى. ئىش بۇلا ئەمەس، سول پۇتۇمدىكى ئاياقنىڭ بوغقۇچى ئاۋۇ ماشىنىنىڭ ئالدىنى ئىلىنىشىپ قاپتۇ، ئاستا تارتىپ چىقىرىپ كېتىۋالدىم، ساقچى ماشىنىسىنىڭ غۇيۇلدىشى كەينىمدە قالدى.
2004-يىلى 2-ئاي ھېيت مەزگىلى
ئىككى دوستۇم بىلەن بىر تونۇشىمىزنىڭ ئۆيىگە ھېيتلاپ ماڭدۇق. 20-30 كىلومېتىرلىق سۈرئەتتە ئاستا ماڭدۇق. ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ماشىنىغا ئوڭ تەرەپتىن بىر نەرسە قاتتىق ئۇرۇلدى. ھەممىمىز ۋاي دېيىشىپ كەتتۇق.
ھەممىمىز ئارقىدا ئولتۇرغان، ئىككى دوستۇم ئوڭدا، مەن سولدا.
ئوڭدا ئولتۇرغان دوستىمىزنىڭ بىكار تۇرماي ئاياغ سۈرتىدىغان مىجەزى بار ئىدى. نەق مۇشۇ دەقىقىدە ئۇ ئېڭىشىپ ئايىقىنى سۈرتۈپ ئولتۇرسا بولىدۇ. ماشىنىنىڭ ئەينىكى چېقىلىپ ئوتتۇرىدا ئولتۇرغان دوستىمىزنىڭ ئوڭ يۈزىگە تۈكۈچتەك سانچىلىپ كېتىپتۇ. مېنىڭ سول قولۇمنىڭ ئۈستىگە بىر تال ئەينەك پارچىسى سانچىلىپ قاپتۇ.
ئاڭغىچە سىرتنى ۋاراڭ-چۇرۇڭ قاپلاپ كەتتى، بىز ئىنجىقلىشىپ ماشىنىدىن چۈشتۇق.
بىزگە سوقۇلغىنى موتىسكلىت ئىكەن. سوقۇلۇپ 20 مىتىرچە يىراقلىققا ئۇچۇپ كېتىپتۇ. بىرسى سۆزلەيدۇ: ئەجەپ ئۇچتا ئاۋۇ بالا، شياڭگاڭ كىنونىلىرىدىمۇ بۇنچىلىك ئۇچمايتتى.
يۈگرەپ دېگۈدەك موتىسكلىتنىڭ يېنىغا باردۇق.
قارىساق سېمىز بىرسى يېتىپتۇ. ئۇ بالا مېنىڭ تولۇقسىزدىكى ساۋاقدىشىمنىڭ ئىنىسى بولۇپ چىقسا بولىدۇ. ئۆزىمىز بىر يەرلەردە قېلىپ، ئۇ بالىنى يامان تەستە ماشىنغا بېسىپ دوختۇرخانىغا ئاپاردۇق. دوختۇر ئۇنىڭ-بۇنىڭغا سېلىپ تەكشۈرۈپ كۆرۈپ: «ئوخرەك سۆڭىكى سۇنۇپتۇ، ھوشۇقىنى يىرتىلىپ كېتىپتۇ» دېدى. ئاڭغىچە ئاتا-ئانىسى كەلدى. بىز ئۇنى ئاتا-ئانىسىغا تاپشۇرۇپ، ئۆزىمىزنى تەكشۈرتۈپ، تاڭدۇرۇپ يېنىپ كەلدۇق.
خېلى مەزگىلىگىچە قاتناش ساقچىسىغا گۇۋاھلىق بېرىمىز دەپ يۈردۇق.
2005-يىلى 12-ئاينىڭ بېشى
ئۆتۈم ئاغرىپ بىر مەزگىل يېتىپ قالدىم. شۇ كۈنلەرنى بىرىدە تېلېفون كەلدى: «توختى تۈگەپ كېتىپتۇ».
بۇ ساۋاقدىشىمىز 9-ئايلاردا توي قىلغان ئىدى. تويىنى قىزىتىپ يېنىپ كەلگەن ئىدۇق.
ئۈچ كۈن ئاۋۋال ئۇ ماڭا تېلېفون قىلىپ، ئونسۇ ناھىيىسىگە ئايالىنىڭ يېنىغا (ئۇ بىزنىڭ ناھىيىدە، ئايالى ئونسۇدا ئىشلەيتتى) بارماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ماشىنامنى سورىدى، بەردىم.
ئالدىنقى كۈنى كەچتە ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن ئولتۇرۇپ سەل جىق ئىچىپ ساپتۇ. شۇ كەيپچىلىكتە ئايالىمنىڭ يېنىغا بارىمەن دەپ، يەنە بىر تونۇشىنى ئېلىپ ماشىنىنى ھەيدەپ، كېچىدە ئونسۇغا مېڭىپتۇ.
ئونسۇ ئارال يېزىسىغا ئازا قالغاندا ماشىنا ھاڭغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئۇ شۇ يەردە قازا قىلىپتۇ، تونۇشى ئېغىر يارىلىنپتۇ…
ئۇنىڭ ئۆيىگە نامازغا باردۇق، ئاتا-ئانىسى «ئۇنى سىز ئىتتىرىۋەتمىدىڭىز، ئاللاھ ئامانەتنى ئالدى، كەتتى» دېگەن بولسىمۇ ئۆزۈم خېلى بىر زامان ۋىجدان ئازابى تارتىپ يۈردۈم.
ھازىرمۇ رولغا چىقسام قولۇم تىترەيدۇ.
قىسمەتنىڭ 2011-يىلى
ئۇزۇندىن بېرى يېڭى يىلنى ئۆتكەن كۈنلىرىمنى خۇلاسىلەش، كېيىنكى يىلىدىكى پىلانلىرىمنى تۈزۈش بىلەن خاتىرىلەيدىغان مىجەزىم بار.
بۈگۈنمۇ ھەم ھېچقانداق ئەدەبىي تۈس قوشۇلمىغان بۇ يازمام بىلەن 2011-يىلىنى خۇلاسىلەش ئويىغا كەلدىم.
خوش، ئۇنداقتا مەن 2011-يىلى نېمە ئىشلارنى قىلغاندىمەن؟
ئائىلەم تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپتۇ.
ئايالىم ۋە بالىلىرىمنى مۇستەھكەم ئېتىقاد، مەسئۇلىيەت بىلەن قانىتىم ئاستىغا ئېلىپ كەپتىمەن.
شىركەت قۇرۇپتىمەن.
بۇرادەرلىرىم بىلەن قول تۇتۇشۇپ سەكراتقا چۈشۈپ قالغان «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ئاتلىنىپتىمەن، مۇئەييەن نەتىجىلەر روياپقا چىقىپتۇ.
«تارىم» ژۇرنىلى ئورگان تور بېكىتى، ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تور بېكىتى قاتارلىق بىر نەچچە نۇپۇزلۇق تور بېكەتنى ياساپ چىقىپتىمەن.
خۇددى مەن چىقمىسام ئادەم چىقمايدىغاندەك يىل بېشىدىن ئاخىرىغىچە 10 نەچچە قېتىم تېلېۋىزىيە، رادىيو زىيارەتلىرىدە بولۇپتىمەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا لىكسىيە سۆزلەپتىمەن.
بىر يېرىم يىل تاشلىنىپ قالغان قەدىناس بلوگىمنى باشلىۋاپتىمەن.
2011-يىلى كىرگەندىن بېرى خەلقئارادىكى سىياسى ۋەزىيەتتىكى قاتماللىقنىڭ ئەكسىىچە، ئىشلىرىم ئاساسەن ئوڭغا تارتىپ كەپتۇ. قىسقىسى، بۇ بىر يىلدا ئالدىنقى 10 يىلدا يېتەلمىگەن نىشانلىرىمغا يېتىپتىمەن.
بۇ جەرياندا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنىڭ، ئايالىمنىڭ، بالىلىرىمنىڭ، دوست-بۇرادەرلىرىمنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشىپتىمەن.
رەھمەت سىلەرگە قېرىنداشلىرىم! يىتىملىك دەردىنى تارتقۇزماي بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاشتۇرغانلىقىڭلارغا، ھەردائىم مەن ئۈچۈن سەكپارە بولغانلىقىڭلارغا رەھمەت، جانابىي ئاللاھ قىيامەتتىمۇ قېرىنداش بولۇپ ئۆتۈشكە نېسىپ قىلغاي!
رەھمەت سىلەرگە بۇرادەرلىرىم، مېنى قوللىغانلىقىڭلارغا، ئەسلىدىكى قىسمەت ھالىتىمگە قايتىشىمغا قىلغان ياردەملىرىڭلارغا مىڭلارچە تەشەككۇر!
رەھمەت ساڭا مەرۋەرى، مەن ئۈچۈن، ئائىلىمىز ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىڭغا ئۆمۈرلۈك قەرزدارمەن! قادىر ئاللاھ سېنى بەختلىك قىلىش بىلەن بۇ قەرزلىرىمنى قايتۇرۇشقا نېسىپ قىلغاي!
رەھمەت سىلەرگە قىزلىرىم، قادىر ئاللاھ سىلەرنى مەڭگۈ مەندىن پەخىرلىنىپ ياشاشقا، مېنىڭ قىزلىرىم بولۇپ قالغانلىقىڭلارغا شۈكرى ئېيتىپ ياشاشقا نېسىپ قىلغاي!
ئۈرۈمچىدىكى «ئىپپەت بازىرى»
- قانچە پۇل؟
- 100 كوي.
- 30 كوي بېرەيما؟
- كەم بولا.
- ماقۇل دېسىلە!
- كەم دەپ قويدىلا.
- ماقۇل، 10 كوي قوشاي.
- نېمانداق كۆزى كىچىك ئادەم سىلى، ئوبدانراق باھا قويسىلا!
- 40 كويغا ماقۇل دېسىلە، چۆپقەت بولۇپ قالىمىز دەيمەن!
- بوپتۇ، 50 كوي بەرسىلە!
- ماقۇلە، ئالدىلىرىغا كەپتىمەن، قۇرۇق كەتمەي، ماڭسىلا!
يۇقىرىقى دىيالوگلارنى ئوقۇپ كۆز ئالدىڭىزغا قايناق بىر بازار كەلدى، شۇ بازاردىكى ئالارمەن-ساتارمەننىڭ تۈكۈرۈكلىرىنى چاچرىتىپ تۇرۇپ سودا قىلىشلىرى كۆرگەندەك بولدىڭىز، شۇنداققۇ دەيمەن!؟
راست ، ئۈرۈمچىدە شۇنداق بىر «كەچلىك بازار» بار. قاش قارايغان مەزگىلدە بۇ «كەچلىك بازار» ۋاژىلداپ قايناشقا باشلايدۇ.
راست ، بۇ «كەچلىك بازار» ھەقىقەتەن قايناق، بۇ يەردىكى نەچچە «تىجارەتچى» شۇ نەچچە ئېغىز گېپى، كېيىنكى «ئەمگىكى» بىلەن خېلى ئوبدان «سودا» قىلىدۇ.
بۇ جاينىڭ يېنىدا ئۈرۈمچىدىكى ئايال زاتى ھاياتىدا بىرەر قېتىمدىن يېتىپ چىقىدىغان داڭلىق بىر دوختۇرخانا بار. ئاياللىرىنى دوختۇرخانىغا ئەكىرگەن «ئەركەكلەر» بانكىغا پۇلغا چىقىپ قايتىشىدا، بۇ بازارغا ئىلىنىشىپ قالىدۇ، يۇقىرىقىدەك بىردەم باھا تالاشقاندىن كېيىن، ئېسىدە يوق باشقا «دوختۇرخانا»لارغا كېتىپ قېلىشىدۇ. ئايالى بايقۇش ئۆزىنىڭ كېسىلى يەتمىگەندەك، تاغدەك يۆلەنچۈكۈم دەپ قارايدىغان، ئەمەلىيەتتە ئەر ئەمەس بىر پىيەنچۈكنىڭ غېمىنى يەپ كېچىچە كىرپىك قاقماي چىقىدۇ.
بۇ «كەچلىك بازار» باشقا بازارلارغا ئوخشىغان بولسا، بۇ يازمىنى يېزىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى، ئەلۋەتتە.
ئۇنداقتا بۇ يەردە نېمە سودىسى بولىدۇ؟ خەير، گەپنى چىقارغاندىكىن ئاخىرىنى چۈشۈرمەي بولمىدى. ئىپپەت سودىسى بولىدۇ قېرىنداشلار، ئىپپەت سودىسى! شۇنداق، مەيدىسىدە ئەركەك تۈكى يوق ناكەسلەر بىلەن ئاياللىق نازاكىتىنى، ھاياتتىن قىممەت ئىپپىتىنى 30-40 يۈەنگە ساتىدىغان پەسلەر ئوتتۇرىسىدا ئىپپەت سودىسى بولىدۇ.
ئۈرۈمچىدە نەچچە يىل شۇ جاينى بىلمەي ياشاپتىمەن. قارىغاندا «مەنىسىز» ياشىغاندەك قىلىمەن.
شۇ تاپتا خوتۇننىڭ كۆزىنى غەلەت قىلىپ، «كەچلىك بازار»غا بېرىپ كەلگۈم كېلىۋاتىدۇ. سىزنىڭ شۇنداق قىلغۇڭىز كەلمىدىما ئەركەك؟
قېنى يۈرىكىنى تۇتۇپ تۇرۇپ «ئىشىڭنى قىل، قىسمەت» دېيەلەيدىغان ئەركەكتىن نەچچىسى بار ئارىمىزدا؟
شۇ بازارغا بېرىپ ئاۋۇلارغا تەربىيە قىلىپ ئۆزگەرتەلمىگەن، ئۇلارنى شۇ يولدىن تارتىشقا ھەرىكەت قىلالمىغان تۇرۇپ مېنى تىللاۋاتامسىز؟
قېنى ئۆزىمىزنى تارازىغا سېلىپ باقايلى، ئەركەكلەر! ئەركەكلىك غۇرۇرىمىز، يىگىتلىكىمىز تارازىنى باسالامدىكىن؟
ئەينى يىللىرى زۇڭلى جۇئېنلەي «جۇڭگودا پاھىشە يوق» دەپ مەيدىسىگە مۇشتلىيالىغان ئىكەن.
بۇ يازمىنى ئوقۇۋاتقان ئوقۇرمەن، سىزدىن سوراپ باقاي: «مېنىڭ مەھەللەمدە پاھىشىۋاز يوق، پاھىشە يوق» دەپ يۈرەكلىك ئېيتالامسىز؟
كىم جوڭئىل ئەپەندى، ئەلۋىدا !
چاۋشيەن رەھبىرى كىم جوڭئىل ھەربىي پاراتنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە
كىم جوڭئىل ۋاپاتىغا ھازا ئېچىۋاتقان چاۋشيەن خەلقى
كىم جوڭئىل ۋاپاتىغا ھازا ئېچىۋاتقان چاۋشيەن خەلقى
كىم جوڭئىل ۋاپاتىغا ھازا ئېچىۋاتقان چاۋشيەن خەلقى
<object width="600" height="400" classid="clsid:d27cdb6e-ae6d-11cf-96b8-444553540000" codebase="http://download.macromedia.com/pub/shockwave/cabs/flash/swflash.cab#version=6,0,40,0"><param name="src" value="http://player.youku.com/player.php/sid/XMzE3MzM1Njk2/v.swf" /><param name="wmode" value="opaque" /><param name="allowfullscreen" value="true" /><embed width="600" height="400" type="application/x-shockwave-flash" src="http://player.youku.com/player.php/sid/XMzE3MzM1Njk2/v.swf" wmode="opaque" allowfullscreen="true" /></object>
ئەسلەتمە: 1994-يىلىدىكى كىم جوڭئىلنىڭ دادىسى كىم ئېرسىننىڭ تەزىيە مۇراسىمى
ئۇ چوقۇم ماركسىسىزمنى خاتا چۈشىنىۋالدى ياكى بولمىسا ماركس، ئېنگىلىس يازغان كىتابلارنى ئوقۇپ باقمىدى. چاۋشيەن قۇرغان ھاكىمىيەت تەشكىلى شەكلىنى سوتسىيالىستىك تۈزۈم دېسەك، سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە چوڭ ھاقارەت قىلغان بولىمىز، چاۋشيەن قۇرغان ھاكىمىيەتنى، ئەينى ۋاقىتتا سەن دېگەن سوتسىيالىزمنىڭ ئۆزى شۇ دېسەك، بەلكىم ماركس بىلەن ئېنگىلىس قەبرىسىدە ئۆرە-تۆپە بولۇپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ، ساقاللىرىنى يۇڭداپ «توۋا خۇدايىم، دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ خاتا چۈشىنىۋالغان بارمۇ» دەپ نالە قىلىپ كېتىشى ئېنىق … ماركس تەسەۋۋۇر قىلغان سوتسىيالىستىك تۈزۈمدە ھەممە كىشىنىڭ ئىدىيىسى، دۇنيا قارىشى، تەپەككۇرى بىرلا خىل بولسۇن دېگەن ئەمەس ھەمدە داھىي ياشىسۇن دەپ ئىشتانغا چىقىپ كەتكۈچە ۋارقىراڭلار دېگەنمۇ ئەمەس، ھوقۇق دادىسىدىن بالىسىغا قالسۇن، سىرت بىلەن ئالاقە قىلماڭلار، ئەركىن پىكىر قىلماڭلار، نامايىشنى قاتار تىزىلىپ تۇرۇپ قىلىڭلار دېگەنمۇ ئەمەس. نامراتلىق سوتسىيالىزم ئەمەس، مۇستەبىتلىك سوتسىيالىزم ئەمەس. كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى مەھرۇم قىلىش سوتسىيالىزم ئەمەس، بىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش سوتسىيالىزم ئەمەس. سوتسىيالىزم دېگەن گەپنىڭ ئۆزى دېموكراتىيە دېگەن گەپ. خاتا چۈشىنىۋالغانلارنى كىم فامىلىلىكلا بولامدىكىن دەپ ئويلىسام، يەنە كۇبادىكى كاستېرومۇ شۇنداق خاتا چۈشىنىۋاپتۇ. جاھاننىڭ ئىشلىرىغا زادى بىر نېمە دەپ بولمايدۇ.
خوشنىسى بىلەن ئىناق ئۆتمەيدىغان، باشقىلار بىلەن بېرىش-كېلىش قىلمايدىغان، باشقىلارغا نەپ بەرمەيدىغان، باشقىلار بەرسە موك-موك يەپ يوغان سۆزلەيدىغان، تەنتەربىيەدە ئالاھىدە نەتىجە كۆرسەتسە ئۆزى قۇرغان تۈزۈم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ شالۋاقايدىغان، خەلقىنى سۆزلەشتىن مەھرۇم قىلىپ جوڭسەنپۇ كىيىشكە مەجبۇرلايدىغان، ئىنتايىن ياسالما، پارىخور ھاكىمىيەتنى قانداقمۇ سوتسىيالىزم دېگىلى بولسۇن؟! بۇ كىم ئېرسېننىڭ ئەۋلادلىرى سوتسىيالىزم دېگەن تۈزۈمگە تەڭداشسىز ئۇۋال قىلدى. ئۇ قۇرغان ھاكىمىيەت ھەرگىزمۇ سوتسىيالىزم ئەمەس، ئافرىقىدىكى ئەڭ قالاق قەبىلە تۈزۈمىدىنمۇ ئۆتە ئەخمىقانە ھاكىمىيەت تەشكىلىي شەكلى. ناۋادا ماركس ھايات بولغان بولسا، «سەن دىگەن سوتسىيالىزم مۇشۇمۇ» دەپ ئۆزىدىن سوراپ باقساق بولاتتى، بىراق بۇ رەھمەتلىك ھايات ئەمەس، ئۇنىڭ جەننەتتە بولۇش ئېھتىمالىدىن دوزاقتا بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرىراق. بىراق ئۇ يازغان كىتاب ھازىرمۇ تۇرۇپتۇ. ئەلۋەتتە ئۇمۇ بىر ۋاقىتلاردا ئاجىز كىشىلەر ئۈچۈن سۆزلەيدىغان بىر ھاكىمىيەت بولغان بولسا دەپ تەسەۋۋۇر قىلغان ئىدى…
ماركسىسىزملىق پەلسەپەنى خاتا چۈشىنىۋالغان بۇ ئەقلى كەمتۈكنىڭ ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، كىشىلەرنى دىنغا ئېتىقاد قىلىش ھوقوقىدىن مەھرۇم قىلىشقا ئۇرۇنۇشىدىن مەنپەئەتى ئۈچۈن ۋاسىتە تالىمايدىغان قەبىھلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ھەقىقەتەن رەھمىتى كەڭرىكەن، ئۆزىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان مۇشۇنداق گۇيلارغا جاھاننىڭ چوڭ ئىشلىرىنى تۇتقۇزۇپ سىنايدىكەن دېسە…
چاۋشيەندىكى ئەخمەقلەر قۇرغان ھاكىمىيەت. ئۆزى دەپ ئۆتكەندەك سوتسىيالىستىك ئىلغار تۈزۈلمە بولسا، نېمە ئۈچۈن بىر مىللەت تۇرۇپ كورىيەدەك تەرەققىي قىلالمايدۇ؟ خەلقىگە نېمە ئۈچۈن ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقوقى بەرمەيدۇ؟ ئەڭ ئالىي رەھبەر بولغان كىشى نېمە ئۈچۈن دۇنيا يىغىلىشلىرىغا بارالماي، يەر ئاستى ئۆيلەردە مۆكۈپ ياشايدۇ؟ مىليونلاپ ئەسكەر بېقىپ، خەلقنىڭ قان-تەرىنى شورايدۇ؟ گەپ قىلساق گەپ تولا، قىسقىسى ئۇ قۇرغان ھاكىمىيەت سوتسىيالىزم ئەمەس. سوتسىيالىزمنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان ئەڭ مۇستەبىت تۈزۈم، خالاس!
چاۋشيەن ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى بولغان يادرو قورالىغا ئىگە بولۇش ئالدىدا، ئۇ يادرو قورالغا ئىگە بولسا، ئەتراپتىكى خوشنا ئەللەر بۇنىڭدىن كىيىن غەم-ئەندىشە ئىچىدە ياشايدۇ. ئەگەر بۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئىگىسى يەنە ھايات بولغان بولسا، ھامان بىر كۈنى ئۆزىنىڭ سوبىيېكتىپ ئارزۇسىغا تايىنىپ، جەمەتىنىڭ مەنپەئەتىنى دەپ پۈتۈن بىر ئەلنى خانۇ-ۋەيران قىلىۋېتىشى تامامەن مۇمكىن ئىدى.
ئەمەلىيەتتە، سوتسىيالىزىم دېگەن شىمالى ياۋروپادىكى ئەللەر تەشكىللىگەن ھاكىمىيەت تەشكىلى شەكلىنىڭ ئۆزى شۇ. بەزىدە سوتسىيالىزم دەپ بەك شالۋاقىغان تۈزۈمنىڭ سوتسىيالىزم بولۇشى ناتايىن، كاپتالىزىم دەپ بەك تىلاپ كەتكەن تۈزۈمنىڭ ئۆزى سوتسىيالىزم چىقىپ قېلىشىمۇ مومكىن. بۇ قانداق مەۋقەدە تۇرۇپ، قانداق كۆرۈشكە، قانداق تەھلىل قىلىشقا باغلىق.
كىم جوڭئىل ئەپەندى، ئەلۋىدا !
چاۋشيەن خەلقى، سىلەرگە ئاسايىشلىق، ئەقلى-ھۇشى جايىدا بىر سىياسىي رەھبەر تىلەيمەن!
مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشىمۇ ياكى مەنپەئەتلەر توقۇنۇشىمۇ؟
سامۇئېل خانتېڭتوننىڭ «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دۇنياۋى تەرتىپنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى» ناملىق كىتابى ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغاندىن بۇيان، داغدۇغىسى ھەقىقەتەن يۇقىرى بولدى. بولۇپمۇ كىتابنىڭ كەينى مۇقاۋىسىغا بېرىلگەن بىر نەچچە نوپۇزلۇق ئورۇن ۋە داڭلىق كىشىنىڭ تەقرىزى بىلەن بۇ كىتاب بىزگە «رەھنامە» كەبى تەسىر كۆرسەتتى.
خوش، مەدەنىيەتلەر راستتىنلا توقۇنۇشامدۇ؟ رەڭگارەڭ مەدەنىيەتلەر ھەمدەمدە ياشاش مۇمكىن ئەمەسمۇ؟! ئەگەر، سامۇئېل خانتېڭتوننىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، «پەرقلىق مەدەنىيەتلەرنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى، مەڭگۈ بىللە مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس» دېيىلسە، ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىشىدىنلا ھەرخىل ئىرق، ھەرخىل مەدەنىيەتتە ئىكەنلىكىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟!
بۇنىڭغا يەنىلا ئەمەلىيەت جاۋاب بەرسۇن:
يېرىم ئەسىردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان پەلەستىن–ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىجابىي ئىنكاس بىلدۈرمىدى. ھەتتا ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى قورال– ياراق بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇنىغۇ ئامېرىكا–ئىسرائىلىيە بىر مەدەنىيەت چەمبىرىكىدە بولغاچقا، ئامېرىكا يۇقىرى قاتلام ساھەسىنى يەھۇدىيلار قامال قىلغاچقا شۇنداق بولۇۋاتىدۇ، دەپ چۈشەندۈرۈشكە بولار.
بىر مەدەنىيەت رامكىسى (بىر دىن) ئىچىدە تۇرۇۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىر، ئىراق (ئەلۋەتتە، گۇمران بولۇشتىن بۇرۇنقى مىسىر ۋە ئىراق كۆزدە تۇتۇلىدۇ) … قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە ئىسرائىلىيەگە قارىتا قاتتىق قوللۇقلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىۋاتقان ئىران پىرېزدېنتى ئەھمەدىي نىجاد بۇ ئىشقا كەلگەندە تىلغا ئالغۇدەك بىر ئىش قىلغىنى يوق. ھەتتا، بۇ پىرېزدېنت ھەر دائىم ھاماسقا ئۇرۇشنى توختاتماسلىقنى تەۋسىيە (بەلكى بېسىم) قىلماقتا. ھالبۇكى، ئۆزىنى ئىزچىل غەربكە يېقىن تۇتۇپ كەلگەن، دىندىن خالىي ھۆكۈمەت دەپ قارىلىۋاتقان تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلدۈرۈۋاتىدۇ. تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردۇئاننىڭ خەلقئارا سەھنىلەردە تۈركىيە ھۆكۈمىتى نامىدىن ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشى ۋە پەلەستىن رايونىغا ياردەملەرنى بېرىشىنى قانداق چۈشەندۈرۈش مۇمكىن؟
تەختكە چىققاندىن بۇيان، «ئىسرائىلىيەنى دۇنيا خەرىتىسىدىن ئۆچۈرۈۋېتىمەن» دەپ جار سېلىۋاتقان ئىران پىرېزدېنتى ئەھمەدىي نىجاد ھەر قېتىم ئىش چىڭىغا چىققاندا نېمىشقا بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالىدۇ؟ پەلەستىنمۇ، ئىرانمۇ بىر دىندىكى قېرىنداشلار ئەمەسمىدى؟
بۇ يەردىكى ئاساسىي مەسىلە يالغۇز مەدەنىيەت (دىن) دائىرىسىدىلا ئەمەس، بەلكى مەنپەئەت نۇقتىسىدىنمۇ بولۇۋاتىدۇ. چۈنكى ئىران ھۆكۈمىتى پەلەستىننى ھەرگىزمۇ مەدەنىيەت (دىنىي) قېرىندىشى دەپ ھېسابلىمايدۇ (چۈنكى ئىران شىئە مەزھىپىدە، پەلەستىن سۈننىي مەزھىپىدە). ئىران بۇ ئىشقا ئارىلاشسا، ئىرانغا كېلىدىغان مەنپەئەت قانچىلىك بولىدۇ؟ ئارىلاشمىسا قانچىلىك بولىدۇ؟ خامچوت قۇرۇلۇشى كەسپىي دوكتورى ئەھمەدىي نىجادنىڭ بۇنى ھېسابلاپ چىقىرالىغۇچىلىكى بار. ئۇنىڭ قارىشىدا بۇ توقۇنۇشقا ئارىلاشمىسا (شۇنىڭ بىلەن پەلەستىن ھاماسلىرى يوقالسا ياكى يوقىلىشى تېزلەشسە) كېلىدىغان مەنپەئەت كۆپرەك (چۈنكى ئۇ سۈننىي، بۇ شىئە). بۇ يەردە، گېپىمىزنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە ئىران ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ داھىيسى ھۇمەينىنىڭ «ھازىر يەر شارىدا ئىراننىڭ ھېچقانداق قېرىندىشى يوق» دېگەن سۆزىنى ئەسلەپ ئۆتۈش ئارتۇقچە بولمىسا كېرەك.
قارىغاندا، «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى» دېگەن ئاتالغۇغا جۈپتىنى – «مەنپەئەتلەر توقۇنۇشى» ئاتالغۇسىنى قوشۇپ، «قوشماق» نەزەرىيە سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىش زۆرۈردەك تۇرىدۇ.
خۇلاسە كالام، «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى» ئاددىي نەزەرىيەمۇ، ھەقىقەتمۇ ئەمەس، بەلكى بىر مۇنەۋۋەر سىياسىيوننىڭ ئامېرىكا مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ دۇنيانى كۆزىتىپ چىقارغان خۇلاسىسى، بېشارىتى. ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ، لېكىن ئۆلچەم قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى سىزنىڭمۇ دۇنيانى كۆزىتىشتە ئۆزىڭىزگە خاس «ئەقىل كۆزىڭىز» بولۇشى كېرەك. بولمىسا سىز باشقىلارنىڭ «ماشىنا» سىغا ئايلىنىپ قالىسىز.
سامۇئېل خانتىڭتون 1927- يىلى تۇغۇلغان. ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوكتورى، مەمۇرىيەت ئىلمىي لېكسىيە پىروفېسسورى، خەلقئارا ئىشلار مەركىزىنىڭ مۇدىرى، مەمۇرىيەت ئىلمىي فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى. ئۇ «تاشقى ئىشلار سىياسىتى» ناملىق ژۇرنالنى تەسىس قىلغان. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1977~1978-يىللىرى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتى بىخەتەرلىك پىلان گۇرۇپپىسىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1987-يىلى ئامېرىكا سىياسىي ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. 2008-يىلى ۋاپات بولغان.
تاققا-تۇققۇ پاراڭلار 2
ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﺎﺯﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪﻣﮕﻪ ﻣﺎﯞﺯۇ ﻗﻮﻳﻤﺎﻕ ﺑﻪﻙ ﺗﻪﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪﻡ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ نۇقتىنى ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﻚ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟!
«ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﺎﻗﻤﯩﺴﺎ ﺳﻪﻥ زامانغا ﺑﺎﻕ» ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮ ﮔﻪﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ. ﻳﯧﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﻯ، راستچىل، ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻞ ﺑﻮﻝ ﺩﻩﭖ كىچىكىمدىن قۇلۇقۇمغا قويۇلۇۋاتقان ﺑﯘ ﮬﯧﻜﻤﻪﺕ دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ﺗﺎﺯﺍ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ﻛﯩﻴﯩﻢ ﻛﯩﻴﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﭼﻜﻪ، ﻳﺎﻕ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﺗﯩﻜﯩﭗ ﻛﯩﻴﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﭼﻜﻪ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﻛﻪﻳﻤﻪﭘﺘﯩﻜﻪﻥ. كېيىن ﺭﻩﺧﺖ توقۇپ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﺗﯩﻜﯩﺸﻨﻰ ئۆگىنىپ ﻛﯩﻴﯩﻢ دېگەننى ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﯩﻴﯩﭙﺘﯩﻜﻪنتۇق. ﮬﺎﺯﯨﺮ رەخت دېگەننىڭ تولىلىقى ﮬﻪﻡ ﺋﻪﺯﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻛﯩﻴﯩﻢ دېگەننى ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﺯ كىيسە ﺷﯘﻧﭽﻪ مودا ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﯘﺯﯗﻧﻰ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ، ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ بولۇپ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻣﯘﺷﯘ تۇرقىدا يەنە ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﻪﻡ، ﮔﻪﭖ ﺋﯘزۇراپ ﻏﻪﻳﯟﻩﺕ ﺗﯜﺳﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﯘﺩﻩﻙ…
كىچىكىمدىن ﺋﯚﺯۈﻣﻨﻰ ﺟﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺗﻪﯓ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﻳﯜﺯﯛﻣﮕﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ قورۇقنىڭ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ئويلاپ قالدىم، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩﯨﮕﻪﻥ ئۆزىنىلا ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﭼﺎﻏﻼﭖ ﻳﯜﺭﺳﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﻪﺗﯩﺮﺍپتىكى ﮔﯧﻦ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ توﭘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﯕﺪﯨﻦ ﺗﻮﻟﯩﺴﻰ ئۆزى ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﺘﺘﺎ ﮔﻪﭘﺘﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ئەمەلىيەتتە ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺪﻩ ئوغرىلىق ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ، ﺯﻩﮬﻪﺭ ﺳﯧﺘﯩﭙﺘﯘ، ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ كېتىپتۇ، ﺋﯧﺰﯨﭙﺘﯘ. ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯۇﯞﺍﻟﻐﯘﺩﻩﻙ، ﻳﺎﻕ چوقۇم ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ بېلىكىدە ﻛﯜﭺ ﻳﻮﻕ، ﻣﯧﯖﯩﺴﻰ رودېمېنتلىشىپ، كۆﺯﻯ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺱ ﺑﻮلۇﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﭼﻜﯩﻤﯩﻜﯩﻦ، كېيىنكىلىرى ﺋﯩﺰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﯩﻠﯩﭗ-ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯۈﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. «ﺗﯩﺮﯨﺸﺴﺎﯓ ﮬﻪممە ﺋﯩﺸﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ بوﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ» دېگەن ﺩﻩبدﻩﺑﯩﻠﯩﻚ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ھەممە يەردە ﺑﺎﺭ. ﺗﯩﺮﯨﺸﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ «ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ شىمالىي ﻳﺎﯞﺭوﭘﺎﺩﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ. ﺋﺎﺩﻩﻡ دېگەن ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ چېكىۋاتقان ﺗﺎﻣﺎﻛﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﺗﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺗﺎﺷﻼﻳﻤﻪﻥ ﺩﻩﭘﻼ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ، ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﺎﺷﻼﻳﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻤﯘ ﺗﺎﺷﻠﯩﻤﺎﻗﺘﺎ ﻳﻮﻕ، ﭼﯧﻜﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ سانى ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ-ﻛﯜﻧﮕﻪ ﺋﯧﺸﯩﭗ كېتىپ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ. ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻥ ﻳﯩﻞ ﻳﻮﻗﺎﺗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﻧﻪﭼﭽﻪ سائەتتىلا يوقىتىپ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﺯﺍﺩﻯ نېمە ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ بولغىيتتى؟ ﺗﻮﻻ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﯧﭽﯩﻢ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ. ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﻩ ﺭﻭﮬ ھەممىدىن ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺩﻩﯞﺍﺗﯩﺪﯗ، ﺭﻭﮬﻨﻰ ﺋﯘﺭﻏﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ﻛﯜﭺ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ. ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﻟﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ئېشەكلىك، ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﺎﻏﺪﺍﺗﻘﯩﭽﻪ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯩﻜﻪﻥ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﭼﺎ ﺋﺎﺷﻨﻰ يېيىشتىن ئېرىنىدۇ. ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻐﺎ ﺗﺎﻣﺎﻕ يېدۈرۈش ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ گېپى ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ. ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺳﺎ-قوﭘﺴﺎ ﻗورﺳﺎﻗﻘﺎ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ قىلىۋالسام ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ دېگەننىڭ ﻏﯧﻤﯩﺪﻩ…
ئامېرىكىدا ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ئۇقۇمى ﻳﻮﻕ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ، ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ئوﻗﯘﭖ ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﻘﺎ ﻗﻮﻝ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ، ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭙﺘﯩﻜﻪﻥ. ﺋﻪمەلىيەتتە ﮔﻪﭖ ﻳﺎﺯﻣﯩﺪﺍ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻪﻥ. ﻛﻮﻣﭙﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺗﯜﺯﯨﮕﻪﻥ قانۇننىڭ ئادىللىقىدا ﮔﻪﭖ ﻳﻮﻕ، ﮔﻪﭖ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ، ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺋﯘﻧﯩﻤﯩﺴﺎ ﺑﯘﻣﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺋﯩﻜﻪﻥ…
ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩﻙ تەرەققىي ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ئالدىنقى يىللىرى چېن لياڭيۈﻧﻰ ﺑﺎﺵ سېكىرتار ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﺎ، ﺑﯩﺮ مىليارد ﺋﯜﭺ ﻳﯜﺯ ﻣﯩﻠﻴوﻥ ﺳﻮﻣﻨﻰ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯟﺍﭘﺘﯘ، ﺑﯘ ﭘﯘﻝ ئىجتىمائىي ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﺎ ﭘﯘﻟﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ مەنپەئەتى ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺋﯩﺪﻯ. ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻗﻮﻳﺪﻯ ﺑﯘ ﻛﺎﺳﺎﭘﻪﺕ، نېمىسىدىن نېمىسى ﻳﻪﺗﻤﻪﻱ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ دېگۈسى ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ… ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻗﺎﻟﯩﻤﻪﻥ: ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ كۆكسى-قارنى ﺗﻮﻳﻤﯩﺴﺎ، ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﻧﻨﻰ ﺑﻪﺭﺳﯩﻤﯘ تويمىغۇدەك. ﺷﯜﻛﺮﻯ-ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﭘﺴﯩﺰﺩﯨﻦ ﻣﯧﮭﺮﻯ-ﺷﻪﭘﻘﻪﺕ ﻛﯜﺗﯜﺵ ﻛﯚﺗﻪﻛﻨﯩﯔ ﺗﯜﯞﯨﺪﻩ ﺗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﻐﯘﺩﻩﻙ.
«ﺋﯜﭺ پادىشاھلىق ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ قىسسە» ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﻨﻮﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﻡ ﺑﻪﺯﻯ مۆﺗﯩﯟﻩﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ گېپى ﻣﺎﯕﺎ ﺑﻪﻙ ﻳﺎﻗﯩﺪﯗ، ﻳﺎﯞﻧﻰ ﺟﺎﺯﺍﻻﭖ ﺋﻪﻟﻨﻰ ﺋﻪﻣﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺩﻩﭖ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﻏﯧﻤﯩﺪﻩ ﻳﯜﺭﺳﻪ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﻪﯓ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ، ﺋﻪﺭ ﺋﻪﻟﻨﯩﯔ ﻏﯧﻤﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ. ﺗﺎﻣﺎﻕ ﯞﻩ ﻛﯩﻴﯩﻢ ئۆزىدىن ﺋﺎﺷﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﻟﻨﯩﯔ ﻏﯧﻤﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﻪتە ﺋﯚﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻟﻨﯩﯔ ﻏﯧﻤﯩﻨﻰ قىلغىلى ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ئەلۋەتتە، ﻏﻪﻣﻼ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﺘﯩﻦ چىقىرىۋېتىشى مۇﻣﻜﯩﻦ. لېكىن، ﻏﻪﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﺷﻨﯩﯔ ئوتتۇرىسىدا ﺋﯜﭺ ﭘﻮﺗﻪﻱ ئارىلىق ﺑﺎﺭ.
ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ قىلىش تەرەققىي ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ قىلىشقا ئايلىنىدۇ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﮬﺎﻻﻝ ﺑﯧﻴﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ قانۇننىڭ رېئال ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ يېيىش ﻳﺎﻛﻰ ئاممىۋى ﺳﻮﺭﯗﻧﺪﺍ زۇﯞﺍﻧﻨﻰ بارىچە ﻗوﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻤﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺭاﯞﻩﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﻛﯜﻧﺪﻩ قورﺳﺎﻕ ﺗﻮﻕ ﻳﯜﺭﺳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ يېدىڭ ﺩﻩﭖ، ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﻧﻮﻗﺘﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺋﺎچ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯘﻧﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻳﯧﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ…
ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 6 مىليارتتىن ئاشتى. ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯧﻴﯩﭗ 20 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ﺧﻪﺟﻠﻪﭖ ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺋﺎﻳﺮوﭘﯩﻼﻧﯩﻐﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﻰ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﺋﻪﯓ ﻗﻪﻟﻪﻧﺪﯨﺮﻯ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻐﺎ ﮔﯩﻴﺎﮬﭽﯩﻠﯩك ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﻮﻕ، ﺋﺎﭼﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯚﻟﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑوﻟﯘﭖ ﺩﺍﻟﯩﺪﺍ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ، ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﻗۇﺯﻏﯘﻥ ﺋﯘ ﺋﺎﭺ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﺴﻪ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﯧﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑوﻟﯘﭖ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭۇﯞﺍﺗﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻳﯧﺮﯨﻤﺠﺎﻥ ﺑوﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﯧﯟﯨﺘﯩﺸﯩﻤﯘ ﻣۇﻣﻜﯩﻦ…
ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ مادوننا ئافرىقىدىكى ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﮕﯩﺮ ﺑﺎﻻ ﺑﯧﻘﯩﯟﺍﭘﺘﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﺪﺍ ﺑﺎﻻ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮﻳﯩﻞ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﻯ ﺑﯧﻘﯩﯟﺍﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ دېگەن ماددا ﺑﺎﺭﻛﻪﻥ ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ مادونناﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﺷﻘﺎ ﻳﻮﻝ ﻗوﻳﯘﭘﺘﯘ… ﺗﻮﯞﺍ، ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﯜﺯﯨﮕﻪﻥ ﻗﺎﻧﯘﻧﻤﯘ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ… ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﻤﯘ ﺑﯩﻜﺎﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ئۇ 3 مىليون ﺧﻪﺟﻠﻪﭖ يېتىم ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﭘﺎﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﺑﻪﺭﻣﻪﻛﭽﻰ بولۇپتىكەن،  ﺑﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ كېيىن ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﻮلۇﭖ ﺑﯩﺮﯨﭙﺘﯘ، ﺋﯘ ﺑﯘﻧﻰ دېسە، ﺑﯘ بۇﻧﻰ ﺩﻩﭖ ﻳۈﺭۈﭘﺘﯘ…
ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ بايلىق ﻛﻪﯓ خەلق ئاممىسىنىڭ ﺋﻪﻗﯩﻞ-ﭘﺎﺭﺍﺳﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﻥ-ﺗﻪﺭى ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ دېيىشىدۇ، لېكىن ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ قوﻟﯩﻐﺎ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ، ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ مىليون ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮬﻪﺭﺑﻰ ﻗوﺷﯘﻥ ﺷﯘ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪئەﺗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﭖ، ﮔﺎﺩﺍﻳﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺧﻮﺵ ﻳﺎﻗﻤﺎﻱ، ﺑﯩﺮﺍﻗﻼ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗوﺭﺍﻝ ﻳﺎﺳﺎﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﻳﭙﺎﯕﺒﺎﺵ پروففېسسور، ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﻛﯧﭽﯩﻨﻰ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﮔﻪ ﺋﯘﻻﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. قىززىق يېرى شۇكى، ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﻪﯓ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﻩ ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺳﺎﻧﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﯕﻠﯩﻖ، ﮔﻪﭖ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺗﻮﭘﻼﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﯕﺴﯩﺰ، ﺋﻪﻗﯩﻠﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ نېمە، ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﯧﻠﯩﯔ: ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ دۆلەتتىكى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﻮﺯﻩﻙ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﺩﻩﭘﻼ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺳﯩﺰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﭘﺎﻻﻧﯩﻨﻰ ﺑﻮﺯﻩﻙ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻣﺴﯩﺰ؟!
ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى
مەلۇمكى، تۈرك ئوسمان ئىمپېرىيەسى تارىختا ئەڭ شانلىق نەتىجىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن، دۇنيا مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ئىمپېرىيەلەرنىڭ بىرى. بۇ ھەقتە تالاي تارىخلارنى ئوقۇدۇق، لېكىن، ئەستىن كۆتۈرۈلدى. سىزگە تەۋسىيە قىلىۋاتقان بۇ فىلىم ئەنە شۇ بىز ئوقۇغان، ئۇنتۇغان تارىخقا بېغىشلانغان ئىكەن.
كەمىنە بۇ فىلىمنى كۆرگىلى خېلى بولغان ئىدى. كۆرمىگەنلەر كۆرسۇن، تارىخقا قىزىقىدىغانلار ھوزۇرلانسۇن ئۈچۈن بۇ يەرگە يوللاپ قويدۇم.
<object classid="clsid:d27cdb6e-ae6d-11cf-96b8-444553540000" width="600" height="400" codebase="http://download.macromedia.com/pub/shockwave/cabs/flash/swflash.cab#version=6,0,40,0"><param name="src" value="http://www.tudou.com/v/bR6rtDJdYjI/v.swf" /><param name="wmode" value="opaque" /><param name="allowfullscreen" value="true" /><embed type="application/x-shockwave-flash" width="600" height="400" src="http://www.tudou.com/v/bR6rtDJdYjI/v.swf" allowfullscreen="true" wmode="opaque"></embed></object>