ﭘﯘﻝ ﻧﻪﮔﻪ ﻛﻪﺗﺘﻰ؟

Zhongyuan

97100fe403b9
ﭘﯘﻝ ﻧﻪﮔﻪ ﻛﻪﺗﺘﻰ؟

ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، رايونىمىزنىڭ سانائىتىنى ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﺍ بولۇپ، رايونىمىزدىكى ﺳﺎناﺋﻪﺕ كارخانىلىرى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﻗﺎﻣﺪﯨﻴﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ رايونىمىزدىكى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ئۆﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﻗﺎﻣﺪﺍﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﻜﯩﺪﻩ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻼﺭﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ رايونىمىزدىكى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ قوﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯘﻝ تەبىئىي ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﺎﻗﯩﺪﯗ. ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن رايونىمىزغا ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯧﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﯘﻝ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﻰ ﭘﺎﺧﺘﺎ، ﻣﯩﯟﻩ-ﭼﯩﯟﻩ، ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﭘﯘللاﺭ. ﺩﯦﻤﻪﻙ رايونىمىزدىن ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﭘﯘﻝ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﺎﻗﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﺗﻪﺭﻩققىياﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ. رايون ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ رايونلاردىكى ﭘﯘﻟﻼﺭ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ تەرەققىي ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯧﻘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ رايونلارنىڭ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ تەرەققىي ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﻮﭖ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ئوﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﺎﻝ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ، ﺋﯚﺯ رايونلىرىدا ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ تەرەققىي ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ رايونلاردا ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.



ئاپتورى: | سەھىپە: ئىقتىساد، ئىجتىمائىيەت | ۋاقتى: 26-08-2011 | باھا: 4 پارچە | زىيارەت: 1,453 قېتىم

بوۋاققا سۇنغان قارا قولۇڭنى تارت

بوۋاققا سۇنغان قارا قولۇڭنى تارت

سەھىيە تارماقلىرىدىكى سامان قورساق ئەپەندىلەر، خانىم-قىزلار تىنچ -ئامان تۇرۇشتۇقمۇ؟ ئىش چىقمىسا سىلەرنى تېلېۋىزوردا كۆرگىلى بولمايدۇ. ئىش چىقسا زۇۋۇك تالىشىپ شالىڭلارنى چاچرىتىپ سۆزلەپ، « %80 مەھسۇلات يەنىلا ئىشەنچلىك» دېگەندە نېمىشقا يۈزۈڭلار قىزارمايدۇ؟ بوۋاقلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىگە قۇيۇلغان تەلەپنىڭ %100 ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ قايسىڭ بېرىشتىڭ ئاۋۇ «دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلغان مەھسۇلات» دېگەن كىنىشكىنى؟



ئاپتورى: | سەھىپە: ئىقتىساد، ئىجتىمائىيەت | ۋاقتى: 08-08-2011 | باھا: 7 پارچە | زىيارەت: 8,903 قېتىم

يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ئۈچ چوڭ تاغ

يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ئۈچ چوڭ تاغ

بالىنىڭ بىكار يۈرۈپ كېتىۋاتقانلىقىدىن «بالام يامان يولغا كىرىپ قالمىسا بولاتتى» دەپ ئىچى پۇشقان ئاتا-ئانا بالىسىغا ئايلىقى 700-800 يۈەندىن بولسىمۇ ئىش تېپىپ بېرىدۇ. ئەپسۇس بۇ پۇل بالىنىڭ ئۆز خىراجىتىگە يېتىشى ناتايىن. ئاتا-ئانا يەنە قاراپ تۇرالمايدۇ.

بالا بىرەر يىل ئىشلىگەندىن كېيىن، «بالام دۆلەتنىڭ كادىرى بولۇپ قالسۇن» دەپ ئويلىغان ئاتا-ئانا يول ماڭىدۇ. دۆلەت ياسىغان يولدا بىكارغا ماڭغان بىلەن، ئاۋۇ يولدا بىكارغا ماڭغىلى بولمايدۇ.

ھېسابلاپ بېقىڭ، ھەرگىز 100 مىڭ يۈەندىن كەم چىقمايدۇ. سىزدىن سوراپ باقاي: رايونىمىزدا بەزى كىشىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا قايسى ئاتا-ئانىنىڭ نەق 100 مىڭ يۈەن پۇلى بار؟



ئاپتورى: | سەھىپە: ئىقتىساد، ئىجتىمائىيەت | ۋاقتى: 28-07-2011 | باھا: 3 پارچە | زىيارەت: 1,232 قېتىم

ئادەمدىن ھايا كەتسە، ئورنىغا بالا كېلۇر

ئادەمدىن ھايا كەتسە، ئورنىغا بالا كېلۇر

ئاللاھقا شۈكرى، دىيانەتلىك قەۋمنىڭ ئەۋلادى بىز، بىزدە مۇنداق ئەھۋاللار يوقتۇر، بار بولسىمۇ، خاتالىقلىرىغا تەۋبە قىلىۋاتقانلار باردۇر، دېگەن ئوينى قىلىپ ئولتۇرۇپتىمىز. قادىر ئاللاھ ئويىمىزنى خاتاغا چىقارمىغاي! «شاھ بولىدىغان ئوغۇللىرىمىز قۇل بولمىغاي، خانىش بولىدىغان قىزلىرىمىز دېدەك بولمىغاي!»، نىجاتچىمىز ئاللاھ! بىزنى ھەرنېمىدىن ئايرىساڭ ئايرىغىن، دىيانەتتىن، ھايادىن ئايرىمىغىن! پاكىز كەلدۇق، پاكىز قايتىشقا نېسىپ قىلغىن!



ئاپتورى: | سەھىپە: ئىقتىساد، ئىجتىمائىيەت | ۋاقتى: 30-06-2011 | باھا: 7 پارچە | زىيارەت: 1,336 قېتىم

چاقنى بۇزغان تانىسى، قىزنى بۇزغان ئانىسى

چاقنى بۇزغان تانىسى، قىزنى بۇزغان ئانىسى

دۇنيا ئىپپەت دەپ يىغلاۋاتىدۇ، دۇنيا ئەدەپ، ئەخلاق نەگە كەتتى دەپ ئازابلىق چۇقان سېلىۋاتىدۇ…

جاھان سورىغان ئەزىمەتلەرنى، ياۋ يۈرىكىگە ئىپپەت خەنجىرىنى سانجىغان پەرىلەرنى ئاپىرىدە قىلغان ئۇلۇغ ئانىلار، قېنى سىلەر؟

ئۇلۇغ ئانىلار، قېنى سىلەر؟ كەمىنە قىسمەت سىلەرنى ئەخلاق دوقمۇشىدا ساقلاۋاتىدۇ…

ھېچكىم مەن بار دېمەيدىغۇ؟ ئەجەبا جاھاندا ئۇلۇغ ئانىلار قالمىغان بولسا-ھە؟!



ئاپتورى: | سەھىپە: ئىقتىساد، ئىجتىمائىيەت | ۋاقتى: 05-06-2011 | باھا: 11 پارچە | زىيارەت: 1,580 قېتىم

ئىچىملىك سۇ توغرىسىدا

ئىچىملىك سۇ توغرىسىدا

ﻟﻮﭘﻨﯘﺭ كۆﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻣﭽﻪ ﺳﯘ 1972-ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﺎﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ بولۇشى مۇﻣﻜﯩﻦ. ﺷﯘ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﻰ ﻟﻮﭘﻨﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﻛﯚﻟﻰ دېسەك ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻛﯚﻟﺪﻩ ﺳﯘ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﻝ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﺷﻤﯘ ﺑﯩﻤﻪﻧﯩﻠﯩﻚ.

ﻟﻮﭘﻨﯘﺭ كۆﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﭖ كېتىش ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﻨﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺑﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﻤﺎﻳﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯗ.

ئەمەلىيەتتە ﻟﻮﭘﻨﯘﺭ كۆﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﭖ كېتىشى ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪ!

ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﻘﯩﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺑﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﻤﺎﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯗ.

ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﺮﺍﭖ كېتىشى ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪ! (80km ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ قىسقىراپ كەتتى)



ئاپتورى: | سەھىپە: ئىقتىساد، ئىجتىمائىيەت | ۋاقتى: 28-05-2011 | باھا: 2 پارچە | زىيارەت: 896 قېتىم

بىر مىللەتتە كۆپ خىل قائىدە-يوسۇن

بىر مىللەتتە كۆپ خىل قائىدە-يوسۇن

ﻏﯘﻟﺠﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﺭﺍﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﻪﻝ ﭼﺎﻏﻼﭖ ﻗﺎﭘﺴﯩﺰ… ئۇنىڭ ئىچكەن ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﺗﯧﺰ ۋاقىتتا ﮬﯩﭽﻨﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﺱ، ﺷﯩﺮﻣﻪﺕ ﺋﻪﺯﯨﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ يېتىشتۈرۈش ﺭﻭﻟﻰ ﺑﺎﺭ، ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ چۈشەندۈرۈشىنى ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ئوقۇڭ.

ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﻰ ﺭﻩﻧﺠﯩﺘﻤﻪﻱ ﺗﻪﯓ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ -يوسۇن ﺑﻮﻻﻣﺪﯨﻜﻪن؟

ﺑﯘ ﺑﯩﺮ مىللەتتىكى ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ-يوسۇننىڭ ﺗﻪﯓ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ بولۇپ تۇرۇشى بولۇپ، ﺋﯘﭼﻘﺎﻧﺪﻩﻙ تەرەققىي ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ دەۋرگە ئىجابىي ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺶ دېيىلىدۇ.

ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺳﯧﭙﻰ ئۆزىدىن ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﻪ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ-يوسۇننىڭ ﺗﻪﯓ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ بولۇپ تۇرۇشى دېيىلىدۇ.



ئاپتورى: | سەھىپە: ئىقتىساد، ئىجتىمائىيەت | ۋاقتى: 12-02-2011 | باھا: 2 پارچە | زىيارەت: 825 قېتىم