سۈرەت سۆزلىسۇن، سىزمۇ ھەم (2)

Zhongyuan

97100fe403b9
سۈرەت سۆزلىسۇن، سىزمۇ ھەم (2)

ئىشلىرىمىز رېتىگە چۈشۈۋاتقان، شىركىتىمىز نىشانىغا قاراپ سالماق قەدەمدە مېڭىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، ئالدىراش بولۇپ كەتتىممۇ، ھورۇن بولۇپ قالدىممۇ ياكى مەنلا سۆزلىمەي، زىيارەتچىلەرمۇ سۆزلىسۇن دپ ئويلىدىممۇ بىلمىدىم، بۇ يازمىنى تەييارلاپ سالدىم.

بەلكىم تارىخ، ئىجتىمائىيەت ۋە باشقىلاردا سىز مەندىن بەردەمرەك. شۇڭا دەيمەن: يازمىدىكى رەسىملەر ھەققىدە سىز بىلەن پىچىرلاشقۇم بار …



ئاپتورى: | سەھىپە: چاقماق يازمىلار | ۋاقتى: 03-04-2012 | باھا: 2 پارچە | زىيارەت: 264 قېتىم

سۈرەت سۆزلىسۇن، سىزمۇ ھەم

سۈرەت سۆزلىسۇن، سىزمۇ ھەم

بۈگۈن كۆچمە دىسكامنى رەتلەۋېتىپ بۇ سۈرەتلەرنى ئۇچرىتىپ قالدىم. قارىسام ھەربىرى بىر يازمىغا خۇرۇچ بولغىدەك سۈرەتلەركەن. ئايرىم يازمىنى كېيىنگە قويۇپ، سۈرەتلەرنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم. «ھەر كاللىدا ھەر خىيال» دېگەندەك، مەن ئويلىغان بەلكىم سىلەرنىڭكى بىلەن بىر يەردىن چىقماس.

خوش، نېمە ئويلىدىڭىزكىن؟



ئاپتورى: | سەھىپە: چاقماق يازمىلار | ۋاقتى: 16-08-2011 | باھا: 4 پارچە | زىيارەت: 905 قېتىم

ماقال-تەمسىللەر توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم

ماقال-تەمسىللەر توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم

«ئېگىلگەن ﺑﺎﺷﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﻛﻪﺳﻤﻪﺱ»

ﻣﻪﻥ ﮬﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﯘﺷﯘ ماقالنى ﺋﯩﺴﯩﻤﮕﻪ ﺋﺎﻟﺴﺎﻡ، ئۇچرىغان خورلۇقنىڭ ئازابى يېنىكلەپ، ﻣﺎﯕﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺯﻭﺭ تەسەللىي ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯘ گەپنى قايسى «ﺩﺍﻧﺎ »نىڭ دېگەنلىكىنى ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ، ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺗﯜﻛﯜﺭﯛﭖ قوياتتىم. بېشىم ئېگىلىپ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﮔﺪﻯ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ئېگىلىدىغان ﻳﯧﺮﻯ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ. لېكىن، بېشىم ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ.



ئاپتورى: | سەھىپە: چاقماق يازمىلار | ۋاقتى: 09-05-2011 | باھا: 1 پارچە | زىيارەت: 798 قېتىم

يۇلتۇز (قىزىم) خاتىرىسى

يۇلتۇز (قىزىم) خاتىرىسى

ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﻗﯩﺰﯨﻢ، 24 ﻳﯧﺸﯩﻤﺪﺍ ﺩﺍﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﭘﺘﯩﻤﻪﻥ، ئاﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﭘﯩﻠﺘﯩﯖﻼﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ ئۈچ ﻳﺎﺷﻘﯩﻤﯘ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﯔ. 13 ﻛﯜﻥ ﺑﯘﺭﯗﻥ ئۈچ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﯜﯕﺪﻩ ئاﻏﯩﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻢ، ﺗﻮﻧﯘﺵ- ﺑﯩﻠﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻢ «ﻗﯩﺰﯨﯖﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻥ ﭼﯧﻴﯩﻨﻰ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﺴﻪﻥ» ﺩﯦﻴﯩﺸﺘﻰ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻥ… ﯞەھاﻛﺎﺯﺍﻻﺭ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﻣﺪﯨﻦ ﺯﺍﺩﯨﻼ ئۆﺗﻤﻪﻳﺪﯗ، ئاﻟﻼھ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ ﻳﯧﺸﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ، ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﯖﺪﯨﻦ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﻗﺎﺯﯨﻨﺎﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ (ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ھەم ھېچقىسى ﻳﻮﻕ)، ﭘﯩﺸﺎﻧﻪﯕﮕﻪ ﺳﯚﻳﯜﭖ «ﻳﺎﺭﺍﻳﺴﻪﻥ ﻗﯩﺰﯨﻢ، ﻳﯩﮕﯩﺘﺘﺘﻪﻙ ﻗﯩﺰ ﺑﻮﻟﺪﯗﯓ» ﺩﻩﺭﻣﻪﻥ، ئاللاھدىن ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﯧﺴﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ.



ئاپتورى: | سەھىپە: چاقماق يازمىلار | ۋاقتى: 04-04-2011 | باھا: 6 پارچە | زىيارەت: 937 قېتىم

تۇرمۇش دېڭىزىدىن تامچىلار

تۇرمۇش دېڭىزىدىن تامچىلار

تۈنۈگۈنلا ساڭا تەئەللۇق بولغان نەرسە بۈگۈن ئۇنداق بولماي قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى سەن، مەن، ئۇ، ھەممىمىز كارۋان. بىلسەڭ، كارۋاننىڭ يولدىن باشقا ھېچنېمىسى بولمايدۇ.

دۇنيادا ئانىنىڭ «ئەللەي ناخشىسى» دىن چىرايلىق ناخشا، باھادىرلارنىڭ «ھۇررا» ساداسىدىن جەسۇر سادا، ئاشىقلارنىڭ مەشۇقىنى سېغىنىپ چەككەن «ئاھ» لىرىدىن ھەسرەتلىك پىغان بولمىسا كېرەك.



ئاپتورى: | سەھىپە: چاقماق يازمىلار | ۋاقتى: 31-03-2011 | باھا: 9 پارچە | زىيارەت: 991 قېتىم

مەن تۆۋەننى مۇنداق تەكشۈرىمەن

مەن تۆۋەننى مۇنداق تەكشۈرىمەن

ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ ۋارقىرايمەن:

- كىرسۇن!

تەققى- تۇرقى قاملاشقان، 30 ياشلار ئەتراپىدىكى بىرى كىردى.

- نەدە ئىشلەيسەن … ئىسمىڭىز نېمە؟

ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن تەمتىرەپ قالدىم، گەپلىرىم ھەم قولاشماي قالدى.

- xx پونكىتىدا ئىشلەيمەن، ئىسمىم xx

- ھە، xx سېكرىتارنىڭ خىزمەتلىرىگە قارىتا قانداق پىكىرلىرىڭىز بار؟ كەڭ- كۇشادە ئوتتۇرىغا قويۇڭ، بىز سىزنىڭ مەخپىيەتلىكىڭىزنى ساقلايمىز.



ئاپتورى: | سەھىپە: چاقماق يازمىلار | ۋاقتى: 23-02-2011 | باھا: 3 پارچە | زىيارەت: 1,136 قېتىم

غۇلجا شىۋىلىرى

غۇلجا شىۋىلىرى

ئۇيغۇر تىلى شىۋە (يەرلىك تىل، دېئالېكت دەپمۇ ئېلىنىدۇ) ئالاھىدىلىكى بىلەن تىل باغچىلىرىدا ئۆزگىچە پۇراقلارنى چېچىپ تۇرىدۇ.

كەمىنەنىڭ زەئىپەسى غۇلجىدىن بولغاچ، چوڭلار، ئاغا-ئىنى، ھەدە-سىڭىللار بىلەن ئالاقە قىلىش جەريانىدا، بىزدەك جەنۇپتا چوڭ بولغانلار چۈشەنمەيدىغان بەزى سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشتىپ تۇرىمەن.

تۆۋەندە مەن دائىم ئاڭلاپ تۇرىدىغان بەزى غۇلجا سۆزلىرى بېرىلدى. قېنى نەزەر سېلىپ بېقىڭ، قايسىلىرىنى چۈشىنىسىزكىن؟



ئاپتورى: | سەھىپە: چاقماق يازمىلار | ۋاقتى: 16-01-2011 | باھا: 12 پارچە | زىيارەت: 1,309 قېتىم

تەكلىماكان تور بېكىتىنى سېغىنىمەن

تەكلىماكان تور بېكىتىنى سېغىنىمەن

ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ: ئاغزىمغا چىشىم چىقىپ، تۇنجى قېتىم زىيارىتىمدە بولغان ئۇيغۇر تور بېكىتى تەكلىماكان تور بېكىتى (http: //www.makanim.com) ئىدى. ئۇ بېكەتنىڭ خەنزۇ يېزىقىدا ئىكەنلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىقتىدار، يېڭىلىنىش سۈرئىتى… ۋاھاكازالار جەھەتتە ھەقىقەتەن شۇ چاغلاردىكى ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى سېپىدە يىگانە ئىدى. بۇ بېكەت ھازىر «ھايات» بولغان بولسا، كېسىپ ئېيتىمەنكى يەنىلا ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنىڭ سەردارلىق ئورنىدا تۇرغان بولاتتى… ھازىر قارىسام، ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى شۇنداق كۆپىيىپتۇ- يۇ، ئەمما ماۋۇ «بىز ئۇيغۇرنىڭ» دېگىدەك بىرەر يادرو بېكەت يوق…



ئاپتورى: | سەھىپە: چاقماق يازمىلار | ۋاقتى: 10-01-2011 | باھا: 2 پارچە | زىيارەت: 933 قېتىم