1000 يىللاردىن بېرى بىر ئوبدان، ئۆز قانۇنىيىتى بىلەن كېلىۋاتقان تىل-يېزىقىمىز بىزنىڭ قولىمىزدا ۋەيران بولغىلىۋاتسا ئۇنىڭغا ھېچكىم «ھاي» دېمىسە، ئۇ دۇنياغا بارغاندا مەھمۇد بوۋىمىزنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمىز؟ بىر-بىرىمىزنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمىز؟ فرانسىيە يازغۇچىسى دائۇدېدنىڭ «ئاخىرقى دەرس» ھېكايىسىنى ھەممىمىز بىلىمىز. لېكىن ھېچكىم بىزنى «ئاخىرقى دەرس» نى ئۆتۈشكە مەجبۇرلىمىدى. مېنىڭ بۇ ھېكايىنى ئەسلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇنىڭدىكى، تەبىئىي پەنلەر «ئاخىرقى دەرس» نى ئۆتۈپ بولدى. ئەمدى نۆۋەت ئىجتىمائىي پەنلەرگە، ئاندىن جانلىق تىلغا كېلىدۇ. شۇڭا ھەممىمىز ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى! ھەر بىرىمىز يۈكسەك مەسئۇلىيەتچىلىق بىلەن ئۆزىمىزگە سەپسالايلى، باشقىلارنى نازارەت قىلايلى، تىل دېگەن غۇرۇرىمىز، ۋىجدانىمىز، ئانىمىزغۇ ئاخىر!
ئاپتورى: قىسمەت | سەھىپە: ئۆزگىلەردىن باشاقلار | ۋاقتى: 15-01-2011 | باھا: 9 پارچە | زىيارەت: 1,064 قېتىم

![ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى [ئانا تىل بايرىمى ئۈچۈن]](/wp-content/uploads/ZhongziImageCache/130x127-ana_til.png)
![ئەڭ ئاخىرقى دەرس [ئانا تىل بايرىمى ئۈچۈن]](/wp-content/uploads/ZhongziImageCache/130x127-eng_axirqi_ders.png)



































